سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
راي سىناش: گېرمانىيەلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشقا قارشى
ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېتانياھۇ ھاكىمىيىتى بىلەن ئارىلىقنى ساقلاپ مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى جامائەت بېسىمىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
راي سىناش: گېرمانىيەلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشقا قارشى
/ Reuters

غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ چەكلىنىشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان خەلقئارالىق تەنقىدلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نېمىسلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشقا قارشى ئىكەن.

«سىۋېي» (Civey) تەتقىقات شىركىتىنىڭ «دەر تاگېسشپىگېل» (Der Tagesspiegel) گېزىتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان راي سىنىشىدا، قاتناشقۇچىلارنىڭ %51 ىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ سېتىشقا قارشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ خىل قارشىلىق بولۇپمۇ سول قاناتقا مايىل سايلىغۇچىلار ئارىسىدا تېخىمۇ روشەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بەش كىشىنىڭ تۆتى بۇ تۈردىكى ئېكسپورتقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرىدرىچ مېرز [Friedrich Merz] رەھبەرلىكىدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىدە بولسا، %34 كىشى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، %22 ى بولسا بۇ ھەقتە قارارسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھۆكۈمەت شېرىكى بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدە بولسا، %48 كىشى ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى خاتا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel plans to seize 75% of Gaza, forcing Palestinians into confined zones

راي سىناش نەتىجىسى يەنە گېرمانىيە خەلقىنىڭ، بېرلىننىڭ باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئارىلىق ساقلايدىغان بىر پوزىتسىيەدە بولۇش تەلىپىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتتى. قاتناشقۇچىلارنىڭ %44 ى ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن تېخىمۇ تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ نىسبەت 2023-يىلى يازدا %33 ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن،  پەقەت %23 كىشىلا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قوللىدى.

راي سىناش يەنە گېرمانىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 65 ياشتىن يۇقىرى قاتناشقۇچىلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىغا يېقىنى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان سىياسىي بېسىمنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى قوللىغان، 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ياشلار گۇرۇپپىسىدا بولسا بۇ نىسبەت %50 بولغان.

قەيت قىلىنىشىچە، 2025-يىلى 23-مايدىن 26-مايغىچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناش 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى 3000 دىن ئارتۇق گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ جاۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»