سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
جاكارتا غەززەدە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئۈچۈن 8 مىڭغىچە ئەسكەر چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى، ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتلىرى، ئورنى ۋە ھوقۇق دائىرىسىنىڭ يەنىلا سۆھبەت باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيە ھەربىي ماشىنىلىرى غەززەدىكى ۋەيرانچىلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. 2026-يىلى 21-يانۋار، رويتېرس. / Reuters

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پىرابوۋو سۇبيانتو (Prabowo Subianto) نىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە (2026-يىلى 10-فېۋرال) كۈنى، غەززە ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىدىكى ئومۇمىي ئەسكەر سانىنىڭ تەخمىنەن 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ھىندونېزىيەنىڭ 8 مىڭغىچە ئەسكەر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەمما، ئۇ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتلىرى ياكى ھەرىكەت رايونلىرى ھەققىدە تېخىچە بىرلىككە كېلىنمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىرابوۋو مۇشۇ ئاي (فېۋرال) نىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ   «تىنچلىق كېڭىشى» (Board of Peace)  تۇنجى يىغىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلىندى.

جەنۇبىي شەرقىي ئاسىياغا جايلاشقان ھىندونېزىيە ئۆتكەن يىلى (2025) غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئۈچۈن 20 مىڭ ئەسكەر چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق، ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرى بۇ قوشۇننىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

پىرېزىدېنت باياناتچىسى پراسېتيو ھادى (Prasetyo Hadi) سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا: «ئومۇمىي ئەسكەر سانى (دۆلەتلەر بويىچە) تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ... بۇ ھىندونېزىيەگىلا تەئەللۇق ئەمەس» دېدى ۋە ئومۇمىي ئەسكەرلەر سانىنىڭ تېخى مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما ھىندونېزىيەنىڭ 8 مىڭغىچە ئەسكەر چىقىرىشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Indonesia prepares 20,000 personnel for possible Gaza deployment

ئۇ: «بىز پەقەت كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە ۋە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىغا ئەسكەر چىقىرىش كېرەك بولغان ئەھۋال ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ھىندونېزىيەنىڭ «تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان 1 مىليارد دوللارنى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆھبەتنىڭ كىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى، بۇنىڭدىن باشقا، پىرېزىدېنت پىرابوۋونىڭ كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

 

ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى «ھىندونېزىيە ئەسكەرلىرى غەززەنىڭ رەفاھ ۋە خان يۇنۇس رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىكو رىكاردو سىرات (Rico Ricardo Sirat) رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا: «ھىندونېزىيەنىڭ غەززەدىكى تىنچلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە تۆھپە قوشۇش پىلانى يەنىلا تەييارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش باسقۇچىدا» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەشغۇلات مەسىلىلىرى (ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى، خادىملار سانى، ۋاقىت جەدۋىلى، مېخانىزم) تېخى جەزملەشمىدى. بۇلار رەسمىي قارار چىقىرىلىپ، زۆرۈر بولغان خەلقئارالىق ھوقۇق دائىرىسى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى