سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىدا يانار تاغ پارتلىدى
جاۋا (Java) ئارىلىدا يانار تاغ پارتلاپ كىشىلەرنى تارقاقلىشىشقا مەجبۇر قىلدى، يۈزلىگەن كىشى ۋاقىتلىق پاناھجايلارغا ئورۇنلاشتى.
ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىدا يانار تاغ پارتلىدى
جاۋا ئارىلىدىكى ئەڭ ئېگىز سەمېرۇ يانار تېغى. سۈرەت: ت ر ت گىلوبال. / TRT Global

ھىندونېزىيە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئەمەلدارى يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 900 گە يېقىن ئادەمنىڭ مەكتەپلەر، مەسچىتلەر ۋە كەنت جامائەت زاللىرىغا ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيەنىڭ چوڭ ئارىلى بولغان جاۋادىكى يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن، يۈزلىگەن ھىندونېزىيەلىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق پاناھجايلارغا ئورۇنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. مەسئۇل ئەمەلدارلار يانار تاغ ئېتەكلىرىدىن تەخمىنەن 190 ئادەمنى تارقاقلاشتۇردى.

شەرقىي جاۋادىكى سەمېرۇ (Semeru) يانار تېغى چارشەنبە (18-نويابىر) كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتلاپ، 13 كىلومېتىردىن يىراقلىققا كۈل ۋە گاز پۈركۈدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشكە سەۋەب بولدى.

ھىندونېزىيە گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە (19-نويابىر) كۈنى يانار تاغ ھەرىكىتى ئاساسلىقى پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە تۇراقسىز ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن.

تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى سۇلتان شافائەت  (Sultan Syafaat)نىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتىن كېيىن 900 گە يېقىن ئادەم مەكتەپلەر، مەسچىتلەر ۋە كەنت جامائەت زاللىرىغا قۇرۇلغان پاناھجايلارغا ئورۇنلاشقان.

ئۇ: «ئۇلار كېچىسى (پاناھجايلاردا) تۇرىدۇ، بەلكىم ئۇلار تېخىچە ۋەھىمە ئىچىدە بولسا كېرەك» دېدى.

سەمېرۇ دۆلەت باغچىسىنىڭ باشلىقى رۇدىيانتو چاھجا نۇگراھا  (Rudijanto Tjahja Nugraha)دائىرىلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى يەنە يانارتاغ ئېتەكلىرىدىن 190 گە يېقىن ئادەمنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پارتلاشتىن كېيىن لاگېردا قېپقالغان تاغقا چىققۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

-2021يىلى سەمېرۇ يانار تېغى پارتلىغاندا، 50 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولغان، 10 مىڭغا يېقىن ئادەم پاناھلىق ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

ھىندونېزىيە يانار تاغ ۋە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان تىنچ ئوكيان «ئوت چەمبىرىكى» ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىدە 130 غا يېقىن ھەرىكەت ھالىتىدىكى يانار تاغ بار.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى