ئىستانبۇل «غەززەنىڭ كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ
تۈركىيەدىكى 200 دىن ئارتۇق ئورگاننىڭ 400 دىن ئارتۇق ۋەكىللىرى ۋە باشقا 48 دۆلەتتىن كەلگەن قاتناشقۇچىلار، مىليونلىغان پەلەستىنلىكنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا چارە تېپىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
تۈركىيەدىكى 200 دىن ئارتۇق ئورگاندىن باشقا 48 دۆلەتتىكى ئورگانلار، غەززەنىڭ ئىنسانىي كرىزىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ۋە يەرشارىۋى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، دىيانەت ۋەخپى (TDV) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
يىغىن 11- ۋە 12-نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا «غەززەنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ پائالىيەتكە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.
يىغىندا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان غەززە ئىنسانىي كرىزىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش، سەھىيە، مائارىپ ۋە تۇرالغۇنى ئاساس قىلغان ھالدا مىليونلىغان كىشىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا دىققەتلەر تارتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى سىجىل ياردەم ۋە ئەسلىگە كېلىشنى قوللاش نىشان قىلىنماقتا.
ئىككى كۈنلۈك يىغىندا، غەززەدىكى ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ بارلىق تەرەپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا بىر ئاخىرقى بايانات ئېلان قىلىنىدۇ.