تۈركىيە-ئافرىقا سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرى ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات: «ئافرىقاغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز قىتئە دۆلەتلىرى بىلەن قېرىنداشلىق، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ نەپكە ئېرىشىش پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ «قېرىنداشلىق، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ نەپكە ئېرىشىش پىرىنسىپلىرى» ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يىغىنىمىزنىڭ (تۈركىيە-ئافرىقا سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرى) مەزمۇنى، يەرشارى ئىقتىسادىي نامەلۇملۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا، بىرلىكتە ئىلگىرىلەش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا قارشى كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، تۈركىيە-ئافرىقا شېرىكلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت» دېدى.
تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە تاشقى ئىقتىسادىي ئالاقىلەر كېڭىشى (DEİK) نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئافرىقا سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرى (TABEF)، ئىستانبۇل يىغىن مەركىزىدە داۋاملاشماقتا.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (ئا ئا) يەرشارى خاراكتېرلىك ئالاقە ھەمراھى بولغان ۋە «تۈركىيە-ئافرىقا ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئورتاق نەپكە ئېرىشىش» باش تېمىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەر دائىرىسىدە، «تۈركىيە-ئافرىقا سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرى ئورتاق باياناتى» ئېلان قىلىندى.
بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، بۈگۈن باشلىنىپ ئەتە ئاخىرلىشىدىغان بۇ چوڭ ئۇچرىشىشتا 27 ئافرىقا دۆلىتى ۋە 4 رايونلۇق تەشكىلاتتىن 28 مىنىستىر، نۇرغۇنلىغان مۇئاۋىن مىنىستىر، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ۋە 4 مىڭغا يېقىن ئافرىقالىق ۋە تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەسمىي يىغىنلار بىلەن بىرگە نۇرغۇن ساھەدە مۇھاكىمە يىغىنى، كۆرگەزمە ۋە سودا سۆھبەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولات: «TABEF، تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە ئافرىقانىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلىدۇ» دېدى.
مىنىستىر بولات تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى ۋە باشقا ساھەلەردە يۈز بەرگەن تەرەققىياتلارنى تىلغا ئېلىپ: «تىجارەتتە، مەبلەغ سېلىشتا، مۇلازىمەت ساھەسىدە، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە تۈركىيە-ئافرىقا ئالاقىلىرى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىدى. 2003-يىلى تۈركىيەنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان تاشقى سودىسى 5.4 مىليارد دوللار بولسا، ئۆتكەن يىلى 37 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ يىل 40 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
«بىزنىڭ ئافرىقاغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان»
ئافرىقادا ئېچىلغان ئەلچىخانىسى ۋە تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇچىدىغان نۇقتىلىرى سانىدا، تۈرك ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئالغان تۈر ھەجىمىدە كۆرۈلگەن ئېشىشلارنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ئۆمەر بولات، سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئافرىقا قىتئەسى 1.5 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسى بىلەن 2050-يىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئافرىقا مول بايلىقلىرى، ئىچكى بازىرى ۋە ياش نوپۇسى بىلەن دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزىغا ئايلىنىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئافرىقاغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز قىتئە دۆلەتلىرى بىلەن قېرىنداشلىق، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ رامكا ئىچىدە، TABEF يىغىنىمىزنىڭ مەزمۇنى يەرشارى ئىقتىسادىي نامەلۇملۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، بىرلىكتە ئىلگىرىلەش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا قارشى كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، تۈركىيە-ئافرىقا شېرىكلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت».
«بىز سودا ھەجىمىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز»
ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تىجارەت، ساياھەت، سانائەت ۋە كانچىلىق كومىسسارى فىرانسىسكا تاچوۋوپ بېلوبې (Francisca Tatchouop Belobe) ئۆزگىرىۋاتقان يەرشارى شارائىتى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇنبەرنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
بېلوبې يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، پۇل پاخاللىقى بېسىمى، بۇزۇلۇۋاتقان تەمىنلەش زەنجىرلىرى، شىددەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشلىرى ۋە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان گېئو-سىياسىي جىددىيچىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ چىداملىق شېرىكلىكلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇنى قىلىشتا ئورتاق مەبلەغ سېلىش ۋە تۈرلەر ئارقىلىق ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بېلوبې، مۇنداق دېدى:
«بۇ مەنىدە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا بۇ سەپەرنى ئاساستىن باشلىمايدۇ. بىزنىڭ ئاللىقاچان قۇرغان، بەرپا قىلغان ئاساسىمىز بار. بۇ يۆنىلىشتە بۇ مۇنبەرنىڭ بەشىنچىسى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئىلگىرىكى تۆت قېتىملىق ئافرىقا-تۈركىيە سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرىدە قۇرغانلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇشنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىشنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىلگىرىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك تۈركىيە بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى 40 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئافرىقانىڭ 2063-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى دائىرىسىدە بۇلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز».
ساھەلەر بەلگىلەندى
سودا مىنىستىرى بولات بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تىجارەت، ساياھەت، سانائەت ۋە كانچىلىق كومىسسارى بېلوبې قاتناشقان يىغىندا «تۈركىيە-ئافرىقا سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرى ئورتاق باياناتى» ئېلان قىلىندى.
مۇنبەرنىڭ «تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە چىداملىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تايانچ قىلغان شېرىكلىك ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى مەقسەت قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھازىرقى يەرشارى ئىقتىسادىي نامەلۇملۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شارائىتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدا چىداملىق، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۆزگەرتىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىكلەرنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئورتاق باياناتقا ئاساسلانغاندا، مۇنبەر ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش، سانائەتلىشىش ۋە رايونلۇق بىرلىشىش مەسىلىلىرىدە ئورتاق كۆز قاراشنى تەكىتلىگەندىن سىرت، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 2063-يىللىق كۈنتەرتىپى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىگە بولغان باغلىنىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردى.
مۇنبەر، تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىسادىي ئالاقىلەر دائىرىسىدە، قىممەت زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، تېخنىكا يۆتكىلىشچانلىقى ۋە ئورتاق ئۇل مۇئەسسەسە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن مۇنبەر، سودا دۇنياسىنىڭ ئۆز ئىچىدە ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە دىيالوگىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلىپ، بەرپاچى ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش رامكىسى ئىچىدە، بەلگىلەنگەن تېمىغا ئايرىلغان ساھەلەردە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ تېمىغا ئايرىلغان ساھەلەر، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقى»، «تۈركىيە-ئافرىقا خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىقى»، «دورىگەرلىك ۋە تېببىي ماتېرىيال ساھەسى»، «تۈركىيە-ئافرىقا تەمىنلەش زەنجىرى مەركىزى»، «ئاياللار رەھبەرلىكى ۋە ئىگىلىك تىكلەش»، «رىقابەت كۈچىگە ئىگە ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان توقۇمىچىلىق ساھەسى»، «ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق»، «ئافرىقانىڭ ئۇل مۇئەسسەسە مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش» ۋە «سودا، تېخنىكا ۋە رەقەملىك ئىشلەپچىقىرىش» شەكلىدە تىزىلدى.
بۇ يىل بەشىنچىسى ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرىنىڭ ئالتىنچىسىنىڭ 2027-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىندى.