رۇسىيە كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ئاي شارىدا بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا
بۇ مۇئەسسەسە رۇسىيە-خىتاي بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
چوڭ دۆلەتلەر يەر شارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي سۈنئىي ھەمراھىنى تەكشۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ئاي شارىغا بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاي پىروگراممىسى بىلەن رۇسىيە-خىتاي بىرلىكتە قۇرغان خەلقئارالىق تەتقىقات ئىستانسىسىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى نىشان قىلىنماقتا.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى يۇرى گاگارىننىڭ 1961-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ئىنسان بولۇشى بىلەن، رۇسىيە ئۆزىنى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كۈچ دەپ ھېسابلەپ كەلگەن ئىدى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ كەينىدە قالدى.
رۇسىيەنىڭ نىشانلىرى 2023-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇچقۇچىسىز «Luna-25» ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىغا قونۇش سىنىقى جەريانىدا ئاي يۈزىگە سوقۇلۇپ كېتىشى بىلەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىر چاغلاردا رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە ماھارىتى ھېسابلانغان ئالەم كېمىلىرىنى قويۇپ بېرىش ساھەسىدە ئېلون ماسك ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (Roscosmos) ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2036-يىلىغىچە ئاي شارىدا بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «لاۋوچكىن بىرلىكى» ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاي شارىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ماشىنىلار، بىر رەسەتخانا ۋە رۇسىيە-خىتاي بىرلىكتە قۇرغان خەلقئارالىق ئاي تەتقىقات ئىستانسىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيەنىڭ ئاي پىروگراممىسىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ تۈر دائىمىي خىزمەت قىلىدىغان ئىلمىي ئاي شارى تەتقىىات ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە بىر قېتىملىق ۋەزىپىلەردىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاي تەكشۈرۈش پىروگراممىسىغا ئۆتۈش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەمدۇر.»
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مەزكۇر مۇئەسسەسەنىڭ بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا رۇسىيە دۆلەتلىك يادرو ئېنېرگىيەسى شىركىتى (Rosatom) ۋە دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يادرو تەتقىقات ئورگىنى «كۇرچاتوۋ ئىنستىتۇتى» نىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دمىترى باكانوۋ ئىيۇن ئېيىدا ئىدارىنىڭ نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ ئاي شارىغا بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يەر شارىنىڭ «قېرىنداش» پىلانېتىسى دەپ ئاتالغان ۋېنېرانى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ئاي شارى پىلانېتىمىزدىن 384 مىڭ 400 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، يەر ئوربىتىسىدىكى تەۋرىنىشنى تەڭشەش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇقىم بولغان بىر كىلىماتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىدىكى ئوكيانلاردا دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈپ-پەسىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.