ترامپ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئازايتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئازايتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ھورمۇز بوزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بوغۇزدىن پايدىلنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ساقلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پىرېزىدېنت ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلماقتا، 2026-يىلى 20-مارت ئا پ. / AP
پىرېزىدېنت ترامپ جۈمە (2026-يىلى 20-مارت) كۈنى «ھەقىقىي مېديا» (Truth Social) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نىشانىغا يېتىشكە ئىنتايىن يېقىنلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ھورمۇز بوغۇزىنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىشنى، بۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز يولىدىن پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر ۋەزىپىنىڭ ئامېرىكادا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
28-فېۋرال (2026) ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىرانغا بىرلەشمە ھۇجۇم قوزغىشىدىن كېيىن، رايون ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرىدا، 1300 گە يېقىن ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 150 تىن ئارتۇق بالا بار.
ئىران ئىسرائىلىيەنى ۋە رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ. ئۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.