ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى نىشانلىدى
ئىران تەرەپ ھامەنېي ياكى ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي ئۇچۇر ئېلان قىلمىدى.
تېھراندا پارتلاشتىن كېيىن، قويۇق تۇمانلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 2026-يىلى 28-فېۋرال / سۈرەت: ئا ف پ. / AFP
ئاكسىيوس (Axios) نىڭ شەنبە (2026-يىلى 28-فېۋرال) كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئىران ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامەنېي ۋە پىرېزىدېنت مەسئۇد پەزېەكىياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان.
ئامېرىكانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مەزكۇر ئاكسىيوس ئاگېنتلىقىغا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىسرائىلىيە 12-قانىلى خەۋەرلىرىدە، تېل ئاۋىۋدىكى ئانالىزلاردا، ھامەنېينىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئەلى شامخانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىغا ئىشارە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەزى خەۋەرلەرنى دەرھال رەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىران دائىرىلىرى ھەرقانداق ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بۈگۈن (28-فېۋرال) ئەتىگەندە «ئىران ھاكىمىيىتى» نىڭ «تەھدىتلىرى» نى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھۇجۇملار، ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئوماننىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا ئىراننىڭ يادرو پىلانى ھەققىدىكى سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت پەيشەنبە (2026-يىلى 26-فېۋرال) كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى (2025) ئىيۇندا، ئامېرىكا 12 كۈنلۈك ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى جەريانىدا ئىراننىڭ ئۈچ يادرو بازىسىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.