سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
سابىق پىرېزىدېنت دۇتېرتې ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى
فىلىپپىننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، مانىلا شەھىرىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
00:00
سابىق پىرېزىدېنت دۇتېرتې ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى دۇتېرتېنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرىشى جەريانىدا ئۆلگەن مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى تەكشۈرمەكتە / Reuters

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (ICC) تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك ماددىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەسكىن ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، دائىم دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئارقىلىق «ئىنسانىيەتكە قارشى قىرغىنچىلىق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 79 ياشلىق سابىق پىرېزىدېنت قولغا ئېلىندى.

فىلىپپىننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، مانىلا شەھىرىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھۆكۈم ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ماددىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى جەريانىدىكى قانلىق ۋەقەلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. 

فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن ئەتىگەندە مانىلادىكى ئىنتېرپول (خەلقئارا جىنايى ساقچى تەشكىلاتى) خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقنامسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.   

باياناتتا يەنە: «ھازىر دۇتېرتې ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولۇپ، سابىق پىرېزىدېنت ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى. ئۇلار ھۆكۈمەت دوختۇرلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە» دېيىلدى. 

دۇتېرتې گوڭكوڭدىكى قىسقا سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مانىلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغان. 

دۇتېرتېنىڭ نارازىلىقى 

يەرلىك خەۋەر سۇپىسى GMA نىڭ تارقاتقان ۋىدېيوسىغا قارىغاندا، دۇتېرتې قولغا ئېلىنغاندا: «مېنى قايسى قانۇن ۋە قانداق جىنايەت ئۈچۈن تۇتتۇڭلار؟» دەپ سورىغان. GMA نىڭ خەۋىرىچە، بۇ ۋىدېيونى دۇتېرتېنىڭ كىچىك قىزى ۋېرونىكا دۇتېرتې تەمىنلىگەن بولۇپ، سابىق پىرېزىدېنتنىڭ بۇ سۆزنى كىمگە دەۋاتقانلىقى ئېنىق چىقمىغان. دۇتېرتې ۋىدېيودا يەنە: «ئەمدى سىلەر مېنىڭ ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىمغا جاۋاب بېرىشىڭلار كېرەك» دېگەن. 

خوڭكوڭدىكى سۆزلىرى

يەكشەنبە كۈنى دۇتېرتې خوڭكوڭدا چەت ئەلدىكى مىڭلىغان فىلىپپىنلىق ئىشچىلارغا خىتاب قىلغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ نىڭ تەكشۈرۈشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە ئۇ تەكشۈرۈشچىلەرنى «پاھىشەنىڭ بالىلىرى» دەپ ئاتاپ، ئەگەر قولغا ئېلىنسام «بۇنى قوبۇل قىلىمەن» دېگەن ئىدى. 

دۇتېرتېنىڭ خەلق ئىچىدىكى قوللىغۇچىلىرى ھېلىھەم كۆپ

فىلىپپىن 2019-يىلى دۇتېرتېنىڭ يوليورۇقى بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى چىكىنىشتىن بۇرۇنقى قەتل قىلىش ۋەقەلىرى، شۇنداقلا دۇتېرتې داۋائو شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

2021-يىلى سېنتەبىردە رەسمىي تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، ئىككى ئايدىن كېيىن مانىلانىڭ بىر نەچچە يۈز زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قايتا تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن تەكشۈرۈش توختىتىلغان. لېكىن 2023-يىلى ئىيۇلدا، بەش سوتچىدىن تەشكىل تاپقان كېسىم ھەيئىتى فىلىپپىننىڭ «سوتنىڭ ھوقۇقى يوق» دېگەن ئىتىرازىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش قايتا باشلانغان. 

پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوس ھۆكۈمىتى بۇ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، جۇمھۇر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنباسارى كلېير كاسترو يەكشەنبە كۈنى: «ئەگەر ئىنتېرپول ھۆكۈمەتتىن زۆرۈر ياردەم تەلەپ قىلسا، بىز ياردەم بېرىشكە مەجبۇرمىز» دېگەنىدى. 

دۇتېرتېنىڭ سىياسىي تەسىرى 

دۇتېرتې فىلىپپىندا يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ جىنايى ئىشلارنى تېز ھەل قىلىش چارىلىرىنى قوللايدىغانلار يەنىلا كۆپ بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. ئۇ كېلەر يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مۇددەتلىك سايلامدا، داۋائو شەھىرىگە باشلىق بولۇش ئۈچۈن نامزاتلىقىنى قويماقچى. 

زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا كۆرۈلگەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك دەۋالاردا بىر قىسىم ئەيىبلەشلەر بولغان بولسىمۇ، پەقەت توققۇز ساقچى زەھەرچلىك چېكىملىك گۇماندارلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. 

دۇتېرتېنىڭ باياناتلىرى

ئۆزىنى «قاتىل» دەپ جاكارلىغان دۇتېرتې، ساقچىلارغا ئەگەر زەھەرچلىك چېكىملىك گۇماندارلىرى ھاياتلىرىغا خەۋپ يەتكۈزسە، ئۇلارنى ئوققا تۇتۇشنى بۇيرۇغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئائىلىلەرنى قۇتقۇزغانلىقىنى، فىلىپپىننى «زەھەرچلىك چېكىملىك سىياسىتى يۈرگۈززىدىغان دۆلەت»كە ئايلىنىشتىن ساقلاپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.   

ئۆتكەن ئاي فىلىپپىن پارلامېنتىدا زەھەرچلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلانغاندا، دۇتېرتې: «مەن قىلغانلىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمەن ۋە باھانە ئىزدىمەيمەن. مەن بۇنى دۆلەت ئۈچۈن قىلدىم، مەيلى ئىشنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار، بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم ئۈچۈن قىلغان ۋەزىپەم» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز