ئىتالىيەنىڭ ساردىنىيە ئارىلىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولوتانا يېزىسىدا ئاياللارنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەنزىرە ئاشكارىلاندى.
ئالىملار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 20 يىل ئىلگىرى شۇ ئارالدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان رايونىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە بۇ يەرنى دۇنيادىكى تۇنجى «كۆك رايون» دەپ ئاتىغان ئىدى. تەتقىقاتچىلار ھازىر ئەسلىدىكى «كۆك رايون» نىڭ تەخمىنەن 110 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان بولوتانانىڭ يېڭى بىر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
«Frontiers in Aging» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان يېڭى بىر تەتقىقاتتا، ئالىملار بولوتانادا بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى تاپتى. 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان نوپۇس ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بولوتانادا 70 ياشلىق ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئايالنىڭ كەلگۈسىدە يەنە 20 يىل 85 كۈن ياشاش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھېسابلانغان.
بولوتانادىكى ئاياللارنىڭ 70 ياشتىن كېيىنكى ئۆمۈر كۆرۈش مۆلچەرى ۋە 100 ياشقا يېتىش نىسبىتى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خوڭكوڭدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان مەزگىلدە نوپۇسى 2 مىڭ 266 بولغان بولوتانانىڭ ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇ جەمئىيەتتە 100 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ بەك كۆپ بولۇشىدۇر.
تەتقىقاتچىلار بولوتانادىكى ئاياللارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئانالىزىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقتىمۇ ئىرسىيەت ئاساسى، ئوزۇقلىنىش ئادىتى، جىسمانىي ھەرىكەت، ئائىلە قوللىشى، ئىجتىمائىي ماسلىشىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش پۇرسەتلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك مېخانىزملارنىڭ بۇ ئەۋزەللىككە تۆھپە قوشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.
چىكاگو ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ۋە تەتقىقاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان س. جەي ئولشانىسكى (S. Jay Olshansky) يېزىنىڭ ئەتراپ مۇھىتىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«يېزا ئاھالىلىرى يېمەكلىكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىك شارائىتتا يېتىشتۈرۈلىدىغان تىك ۋە ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغلىق رايوندا ياشايدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.»





















