كاپادوكيا شار بايرىمى 30 خىل ئۆزگىچە شەكىلدىكى شارنىڭ ئۇچۇشى بىلەن باشلاندى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
كاپادوكيا شار بايرىمى 30 خىل ئۆزگىچە شەكىلدىكى شارنىڭ ئۇچۇشى بىلەن باشلاندىمەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بايرامغا تۈركىيەدىن باشقا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردىن 30 خىل سىما سىزىلغان ئىسسىق ھاۋا شارى قاتناشتى.
كاپادوكيا شار بايرىمى 30 خىل ئۆزگىچە شەكىلدىكى شارنىڭ ئۇچۇشى بىلەن باشلاندى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بايرامغا تۈركىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، بىرازىلىيە، سلوۋاكىيە، ئاۋسترىيە ۋە پولشادىن 30 خىل سىما سىزىلغان ئىسسىق ھاۋا شارى قاتناشتى.

نەۋشەھىردە بۇ يىل يەتتىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «كاپادوكيا شار بايرىمى»، تۈركىيەدىن باشقا يەنە تۈرلۈك دۆلەتلەردىن كەلگەن سىمۋوللۇق شارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلاندى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بايرامغا تۈركىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، بىرازىلىيە، سلوۋاكىيە، ئاۋسترىيە ۋە پولشادىن 30 خىل سىما سىزىلغان ئىسسىق ھاۋا شارى قاتناشتى.

كۈن چىققان پەيتتە گۆرەمە يېزىسىدىكى بايرام مەيدانىدا ئۇچۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سىمۋوللۇق شارلار، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. يۈرەك، ھۇقۇش، چۈجە، بۆرە، ئۆردەك، توتىقۇش، مۈشۈكبېلىق، راكېتا، دۇنيا ۋە چاقچاقچى قاتارلىق تۈرلۈك سىمالار بىلەن لايىھەلەنگەن شارلار، پەرى مورىلىرى بىلەن تولغان ۋادىلار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتتى.

شەھەردىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىيالىمدىكى شار لايىھەلەش مۇسابىقىسى» دە باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن بىرىنچىلىككە تاللانغان 6-يىللىق ئوقۇغۇچى بەنگى سەررا قايا لايىھەلىگەن «كەركىدان بېلىقى» سىماسىدىكى شارمۇ بايرامدا تۇنجى قېتىم ئۇچتى.

 

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شەھەرلىك ياشلار باشقارمىسىنىڭ ئەزالىرى، ۋېلىسىپىتلىرى بىلەن بايرام مەيدانى ئەتراپىدا شەھەرلىك ئالاھىدە ئىدارە تەرىپىدىن ياسالغان ۋېلىسىپىت يولىدا مېڭىپ، ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

نەۋشەھىر ۋالىيسى ھۈسەيىن كۆك، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ پائالىيەت بىلەن كاپادوكيادا بىر كۆرۈنۈش زىياپىتى شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن شار ساياھەتلىرىدە بۇ يىلنىڭ يانۋار - ئىيۇل ئايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزگىلدە يۈز مىڭلىغان ساياھەتچىنىڭ كۆكتىن رايوننى كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلغان كۆك، مۇنداق دېدى:

«رايونىمىزدىكى 30 شار كارخانىسىدا 359 ئىسسىق ھاۋا شارى بار. ئۇچقۇچىلىرىمىزنىڭ 37 نەپىرى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ يىل تەخمىنەن 316 مىڭ مېھمان شار ساياھىتىگە قاتناشتى. ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 750 مىڭ مېھمان شاردا ئۇچۇش ھاياجىنىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئوتتۇرىچە ئۇچۇش سانىغا قارىغاندا، ھاۋا شارائىتىغا باغلىق ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، يىلنىڭ 224 كۈنىدە بۇ ھاياجاننى باشتىن كەچۈرگىلى بولىدۇ. سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىدىن تارتىپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگىچە، خىتتىتلاردىن رىملىقلارغىچە تارىخ، تەبىئەت ۋە مىراس بىر يەرگە جەم بولغان بۇ ئاجايىپ تەبىئەت گۈزەللىكىدە مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈۋېلىشتىن زور خۇشاللىق ھېس قىلىمىز.»

بايرام 2-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا