سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا، ئۇرۇش سېپىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئالماشتۇرۇش دەپ قارالغان كەڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى. دەسلەپكى باسقۇچتا تەخمىنەن 800 ئادەم ئالماشتۇرۇلدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
/ Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىيمىر زېلېنىسكىي جۈمە كۈنى بەرگەن ، ئەسكەر ۋە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 390  نەپەر ئۇكرائىنالىقنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى ھەمدە ھەپتە ئاخىرىغىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئۇكرائىنادىن ئوخشاش ساندىكى كىشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زېلېنىسكىي تېلېگرامما سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھەممەيلەننى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىش تولىمۇ مۇھىم»  دېدى ۋە بۇ جەريانغا تۆھپە قوشقانلارغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئەسىرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

بۇ قېتىمقى ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە 2022 -يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان كىيېۋ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى بىۋاسىتە سۆھبەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى. تەرەپلەر بۇ  مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا «مىڭغا مىڭ»نى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

«بەلكىم دادام ئەتە كېلەر»

قويۇپ بېرىلگەن ئۇكرائىنالىقلار چېرنىخىۋ ۋىلايىتىدىكى بىر ساغلاملىق مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنگەندە قىزغىن تەنتەنىلەر ئىچىدە قارشى ئېلىندى. بەزىلىرى ھېسسىياتىنى تۇتۇۋالالمىغان بولسا، كۆپىنچىسى بىر خىل يېتىرقاش ئىچىدە قالغاندەك قىلاتتى. ئۇكرائىنا بايراقلىرىنى ئۈستىگە يېپىنىۋالغان ھالدا يېقىنلىرى بىلەن قۇچاغلاشقان ئەسىرلەر، جەمئىيەتكە قايتا سىڭىشىش مۇساپىسىنى باشلىدى.

ئونلىغان ئەسىرنىڭ يېقىنلىرى ساغلاملىق مەركىزىگە يېتىپ كەلگەن ئاپتوبۇسلارنى «رەھمەت سىلەرگە!» دېگەن شوئارلار ۋە ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئالدى.

ئالماشتۇرۇش بېلارۇسىيە تەۋەلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قويۇپ بېرىلگەن رۇسلارنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن بېلارۇسىيەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بىراق، بۇ ئەسىر ئالماشتۇرۇش زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇرۇش سېپىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

«ۋانيا!» دەپ ۋارقىرىدى ناتالىيا موسىچ يىغىلغان تۇغقانلىرى ئارىسىدىن ۋە «يولدىشىم!» دەپ قوشۇپ قويدى.

تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان يولدىشىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان موسىچ، يولدىشى ئىۋان مەركەزدىكى تىزىملىتىش ئىشلىرىدىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خۇشاللىقتىن كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان سۆز قىلىپ: «بۇ ئىشەنگۈسىز بىر تۇيغۇ. مەن ھېلىھەم ھەيرانلىق ئىچىدىمەن. ھەقىقەتەن بەك خۇشالمەن. بىز ئۇنتۇلۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇكرائىنا ئۈچۈن ھېلىھەم بىر مەنىگە ئىگىمىز» دېدى

لېكىن ھەممە ئادەم ئوخشاش خۇشاللىققا ئېرىشەلمىدى. قايتىپ كەلگەنلەر ئارىسىدا يېقىنلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەن نۇرغۇن ئائىلىلەر يىغا-زار قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن يولداشلىرى، ئوغۇللىرى ياكى قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىپ كەلگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

«كىم بىلىدۇ، بەلكىم دادام ئەتە كېلەر» دەپ يىغلاۋاتقان بىر كىچىك بالىمۇ قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى.

ئىزدىنىڭ
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى