سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
دائىرىلەر ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە رۇسىيەنىڭ بېلگورود رايونىدا ئۈچ كىشىنىڭ  ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى / AA [FILE]

ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن شەبېكىنو يېزىسىدىكى بىر ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ھۇجۇمدا 19 كىشى يارىلاندى.

ئۇكرائىناغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار رۇسىيەنىڭ چېگرا رايونى بېلگورودتا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە بىر ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ھۇجۇمدا 19 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

رايونلۇق دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنى چېگراغا يېقىن كەنتتىكى بىر خىزمەت ئورنىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رايوننىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان بېلگورودنىڭ سىرتىدىكى بىر يېزىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا يەنە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن شەبېكىنو يېزىسىدا بىر ئاپتوبۇسقا ئوق چىقىرىلغان بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ بىرىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلدى.

موسكۋا ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئاپتوبۇسلارغا سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

«تەلۋىلەرچە پوزىتسىيە»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا قارىتا «تەلۋىلەرچە پوزىتسىيە بىلەن، ئالدىنقى سەپتە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئېلىش» مەقسىتىدە ھۇجۇملارنى تەشكىللەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرى، رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسك رايونىدا سەيشەنبە كۈنى بىر ئاپتوبۇسقا قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئالدىنقى ئايدا بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە ئالتە بالىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان، بېلارۇسىيەلىك بالىلارنى بىر دەم ئېلىش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىۋاتقان ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ھۇجۇم ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ئەيىبلىدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بولسا ئەيىبلەشنى ئاساسسىز دەپ رەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا