سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشتى
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
00:00
ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشتى
ياپونىيە-خىتاي-جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك يىغىنى / AFP

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاكېشى ئىۋايا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى توكيودا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئىۋايا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «بىز ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ نۇقتىئەزەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردۇق ۋە كەلگۈسىدە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈردۇق» دېدى.

ئىۋايا يىغىننىڭ باشلىنىشىدا: «ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ تارىخنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن... بۇ دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق بۆلۈنۈش ۋە زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

2023 -يىلدىن بۇيان بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ — ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئون يىللاردىن بېرى داۋاملاشقان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئاغدۇرۇۋېتىشى بىلەن بىرلىكتە — شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تارتىپ سودىغىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ۋە ئۆتكەن يىلى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئاساس سېلىشى كۈتۈلمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو تاييۇل: «كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى، شەرقىي ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىدۇر. بۈگۈن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە سەمىمىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئەركىن سودا سۆھبەتلىرى

بۇ يىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 80- خاتىرە يىلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇشتا خىتاي، كورېيە يېرىم ئارىلىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان ياپونىيەگە قارشى تۇرغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، بېيجىڭنىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۈچ دۆلەت تارىخىي ئىشلار بىلەن سەمىمىي يۈزلىشىپ، كەلگۈسىگە قاراش توغرىسىدىكى ئورتاق چۈشەنچىمىزنى قايتا تەكىتلىشىمىز ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.

توكيو بىلەن سېئۇل ۋاشىنگتوننىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز زېمىنلىرىغا مىڭلىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى جايلاشتۇرغان. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان خىتاينى رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدۇ.

ئىۋايا بۇ ھەپتە، ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېيجىڭ بىلەن تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي دىيالوگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىۋايا يىغىندا، 2023-يىلى ۋەيران بولغان فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بۇلغانغان سۇ سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ياپونىيە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى