ئاقساراي: ياۋروپا قىسىملىرى ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش نىشانىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت (Karoline Leavitt) ياۋروپانىڭ گىرېلاندقا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ نىشانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر قانچە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى دانىيەنى قوللاپ گىرېنلاندقا يېتىپ كەلدى. 2026-يىلى 14-يانۋار، ئا پ. / AP
ۋاشىنگتون-ئاقساراي ياۋروپانىڭ گىرېنلاندقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان ياۋروپا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دانىيەگە قاراشلىق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ۋە كان بايلىقى مول بولغان بۇ زېمىننى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت پەيشەنبە (2026-يىلى 14-يانۋار) كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «مەن ياۋروپا قىسىملىرىنىڭ، پىرېزىدېنتنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا، ياكى ئۇنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش نىشانىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دېدى.
ئۇ چارشەنبە (13-يانۋار) كۈنى دانىيە ۋە گىرېنلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋەنس (JD Vance)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا ئىككى تەرەپ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا تېخنىكىلىق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا قوشۇلدى. ماڭا ئېيتىلغانغا ئاساسلانغىنىمدا، بۇ سۆھبەتلەر ھەر ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.»
ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ دانىيەلىكلەر ۋە گىرېنلاندتىن كەلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن داۋاملاشتۇرماقچى بولغان سۆھبەت ھېسابلىنىدۇ.»
دانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لارس لوككې راسمۇسسېن پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدىكى سۆھبەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مۇنداق يازدى: «بىز نىشاندا، يەنى شىمالىي قۇتۇب رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خەۋپسىزلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئورتاق پىكىردىمىز، ئەمما ئۇسۇلدا پىكىرىمىز ئوخشىمايدۇ. بىز 2026-يىلىدا ياشاۋاتىمىز، سىز سودا قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سودىدا ئادەم ساتالمايسىز.»
ترامپ گىرېنلاندنى كونترول قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە، ئەمما گىرېنلاندلىقلار بۇ ئارالنىڭ سېتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.
بۇ ئارال دانىيەنىڭ يېرىم ئاپتونومىيە زېمىنى بولۇپ، دانىيە باش ۋەزىرى مېتتې فرېدېرىكسېن ئەگەر ئامېرىكا گىرېنلاندنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنسا، بۇ ناتو (NATO) نىڭ ئاخىرلىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىرېنلاند باش مىنىستىرى جېنس-فرېدېرىك نىئېلسېن (Jens-Frederik Nielsen) «سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيەنىڭ توغرا يول» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، سۆھبەتنىڭ «داۋاملىشىۋاتقانلىقى» دىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دانىيەنىڭ ئىككى ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چارشەنبە (2026-يىلى 13-يانۋار) كۈنى گىرېنلاندقا قوندى.
ئەنگلىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەمۇ، دانىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تەشكىللىگەن «ئاركتىكا چىدامچانلىقى» (Arctic Endurance) مانېۋىرى دائىرىسىدە، گىرېنلاند پايتەختى نۇكقا چارلاش ۋەزىپىسى ئۈچۈن ھەربىي خادىملارنى ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا مۇداپىئە مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە 13 ئەسكەر ئەۋەتكەن بۇ چەكلىك ھەربىي كۈچ، قوراللىق كۈچلەرنى شىمالىي قۇتۇبتا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەلگۈسى مانېۋىرلارغا تەييارلاش مەقسىتىگە ئىگە ئىكەن.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون: «فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىرىنچى گۇرۇپپىسى ئاللىقاچان رايونغا يېتىپ باردى، ئۇ گۇرۇپپا كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ» دېدى.
گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەقسەتنىڭ «دانىيەنىڭ رايوندىكى خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، دانىيەنى قوللاش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان ھەربىي خىزمەتلەرنىڭ شارائىتىنى تەكشۈرۈش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەزىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دانىيە ۋە گىرېنلاند باش مىنىستىرلىرى 16-17-يانۋار (2026) كۈنلىرى كوپېنھاگېندا ئامېرىكا كونگرە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئىستراتېگىيەلىك ئورنى
ترامپ ئامېرىكانىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئارالنىڭ شىمالىي قۇتۇب رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا كونتروللۇقىنى قولغا ئالمىسا، بۇ رەقىبلەرنىڭ ئىگەللىۋالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ ئامېرىكانىڭ دانىيە بىلەن تۈزگەن ھازىرقى ھەربىي كېلىشىملىرى ياكى ئىجارە توختاملىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، زېمىننى مۇۋاپىق قوغداش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكلىپ قىلىنغان «ئالتۇن گۈمبەز» (Golden Dome) باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق پىلانلارنى قوللاش ئۈچۈن تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ خەۋپسىزلىكتىن باشقا يەنە، گىرېنلاندنىڭ گېئو سىياسىي قىممىتىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.
شىمالىي قۇتۇب مۇزلىرىنىڭ ئېرىشى بىلەن يېڭى قاتناش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى، ئاز ئۇچرايدىغان مىنېراللار ھەمدە نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش غايەت زور بايلىقلارغا، ھەتتا تېخى بايقالمىغان بايلىقلارغا ئېرىشىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.