ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي: پۇتىن  ۋە ترامپ بىلەن بۇداپېشتتا كۆرۈشۈشكە تەييارمەن
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تەكلىپ قىلىنغان تەقدىردە پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ بۇداپېشتتىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي: پۇتىن  ۋە ترامپ بىلەن بۇداپېشتتا كۆرۈشۈشكە تەييارمەن
زېلېنسكىي: پۇتىن  ۋە ترامپ بىلەن بۇداپېشتتا كۆرۈشۈشكە تەييارمەن / AFP
2025-يىلى10-ئاينىڭ20-كۈنى

  كىيېۋ پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ پۇتىن ۋە ترامپ ئوتتۇرىسىدا تۈركىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە ۋاتىكاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە بىتەرەپ دۆلەت تەرىپىدىن بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ تەرەپلىك يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ترامپ بىلەن پۇتىن ئامېرىكا رەھبىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ 2022-يىلىدىكى تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن باشلانغان ئۈچ يېرىم يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر بۇداپېشتقا تەكلىپ قىلىنسام – ئەگەر ئۈچ تەرەپ بىر يەرگە جەم بولىدىغان ياكى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن پۇتىن ۋە مەن كۆرۈشىدىغان ئوتتۇراھال دىپلوماتىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەكلىدىكى تەكلىپ بولسا – ئۇنداقتا قانداقلا بولمىسۇن كېلىشىم ھاسىل قىلالايمىز.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي كىيېۋ بىلەن جىددىي مۇناسىۋەتتە بولغان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرېمىلگە ئەڭ يېقىن ئەزاسى دەپ قارالغان ۋېنگىرىيەنىڭ تاللىنىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

زېلېنسكىي ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ئۇكرائىناغا ھەرقانداق يەردە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان بىر باش مىنىستىرنىڭ ئۇكرائىنالىقلار ئۈچۈن ئىجابىي ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ياكى مۇۋازىنەتلىك تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.»

كىيېۋ زېلېنسكىينىڭ پۇتىن بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدا تۈركىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە ۋاتىكان قاتارلىق بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ تەرەپلىك يىغىنغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1994-يىلى موسكۋا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان نۇرغۇنلىغان يادرو قوراللىرىنى تاپشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە بۇداپېشتتا بىر كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىغان ئىدى.

زېلېنسكىي: «باشقا بىر <بۇداپېشت> سىنارىيەسىمۇ ئىجابىي بولمايدۇ» دېدى.

ترامپ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقسارايدا قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، ئۇكرائىنادىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان توقۇنۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا، ھەمدە بۇ دائىرىدە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرقاتار بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇ يەنە ئالياسكادا پۇتىن بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىن تېخىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ ئۇكرائىنادىن رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ھالەتنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى

 زېلېنسكىي دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئامېرىكا بىلەن كىيېۋغا 25 دانە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم تەييارلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى مۇۋەپپەقىيەتتۇر – چۈنكى بۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس.»

زېلېنسكىي «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا، مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن توختام ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ بىر قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا كىيېۋنىڭ بۇ سىستېمىلارنى ھەر يىلى ئوخشىمىغان ساندا ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئاقساراينىڭ ئىرادىسى قەتئىي بولسا، قاتارنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. قايسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قاتاردا بىزگە ئالدىن ئورۇن بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بار – ھازىر بىز كېرەكلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى ئۇزۇن مۇساپىلىك توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختالغان زېلېنسكىي، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى سەۋەبىدىن تېلېفون قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ دونباس رايونىدىن ئۇكرائىنانىڭ چېكىنىشى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن زېلېنسكىي، جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن  سۆھبىتىدە كىيېۋنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئاۋغۇست ئېيىدا، زېلېنسكىي كىيېۋنىڭ شەرق رايونىنى موسكۋاغا ئۇرۇش توختىتىش بەدىلىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلغان ھەمدە بۇنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن كەلگۈسىدە دۆلىتىگە قارىتا بىر ھۇجۇم ئۈچۈن «كوزېر» بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى