سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ باھا بېرىپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىشقا قارىتىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
2026-يىلى 9-ئاپرېل، لىۋاننىڭ بېيرۇت شەھىرىدىكى تەللەت ئەل خايات رايونىدا، چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە بۇزۇلغان بىر بىنا. / Reuters

پاكىستان پەيشەنبە كۈنى لىۋانغا قارىتىلغان ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھۇجۇملارنى خەلقئارا قانۇننىڭ ۋە تۈپ ئىنسانىي پىرىنسىپلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى، دەپ باھالىدى. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋانغا قارىتىلغان ۋە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىغا، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە «تاجاۋۇزچىلىقى» ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەندى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى مەزكۇر تاجاۋۇزچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جىددىي ۋە ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بولغان «تەۋرەنمەس» ھەمكارلىقىنى يەنە بىر بار نامايان قىلدى. باياناتتا پاكىستاننىڭ بۇنداق قىيىن دەقىقىلەردە لىۋاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، زېمىن پۈتۈنلۈكى، تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تولۇق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر ھۇجۇملىرى دەل ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىدىن كېيىن يۈز بەردى. ئىككى تەرەپ سەيشەنبە كۈنى (28-فېۋرال) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىرانغا قارشى باشلىنىپ، رايوندا مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئاخىرقى كېلىشىمگە يول ئېچىشنى نىشان قىلغان ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغانىدى.

بۇ قارار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىشى ۋە كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن مۆھلىتى توشۇشقا ئىككى سائەتتىن ئاز ۋاقىت قالغاندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ترامپ ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا «پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىش» بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى