ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتى ئىستانبۇلدا باشلاندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى «تېخىمۇ مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش» تىرىشچانلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئىستانبۇلدا باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

Many Turkish and foreign press members are seen as a US delegation arrives at the Russian Consulate General in Istanbul at 9.45 a.m. local time (0645 GMT) for talks to normalize embassy operations between the two countries in Istanbul, Türkiye. / AA

ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى پەيشەنبە ئەتىگەن سائەت 09:45 دا (گىرىنۋىچ ۋاقتى 06:45) ئىستانبۇلدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ سۆھبەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىخانا خىزمەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تېممى برۇس (Tammy Bruce) سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ھەمدە «ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش» تىرىشچانلىقلىرىنىڭ كۈنتەرتىپتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

برۇس يەنە «سۆھبەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە سىياسىي ياكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يوق»لۇقىنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ «قەتئىي كۈنتەرتىپتە ئەمەسلىكى»نى ئېيتقانىدى.

سۆھبەتلەر رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلىنىڭ رەسمىي تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بىر قانچە سائەت داۋاملىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان سۆھبەتنىڭ مۇددىتىنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كېتىشى كۈتۈلمەيدۇ.

رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندىر دارچىيېۋ (Aleksandr Darchiev)، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بولسا، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى سوناتا كۇلتېر (Sonata Coulter) يېتەكچىلىك قىلماقتا.

يىغىندىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلغان دارچىيېۋ، بەزى مەسىلىلەردە ئاللىقاچان ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.