Airbus شىركىتى مىڭلارچە رېئاكتىپ ئايروپىلان ئۈچۈن جىددىي رېمونت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
Airbus شىركىتى مىڭلارچە رېئاكتىپ ئايروپىلان ئۈچۈن جىددىي رېمونت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردىAirbus شىركىتى مىڭلارچە رېئاكتىپ ئايروپىلان ئۈچۈن جىددىي رېمونت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن، دۇنيا مىقياسىدا ئاۋىياتسىيە قالايمىقانچىلىقى يۈز بەردى.
Airbus شىركىتى مىڭلارچە رېئاكتىپ ئايروپىلان ئۈچۈن جىددىي رېمونت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى / Reuters

6000 دىن ئارتۇق A320 تىپلىق رېئاكتىپ ئايروپىلاننى يۇمشاق دېتال يېڭىلاش دائىرىسىدە جىددىي رېمونت قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بۇ ئەھۋال ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.

ياۋروپانىڭ Airbus شىركىتى دۇنيا ئايروپىلان فىلوتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قايتۇرۇۋېلىش ئەھۋالى دائىرىسىدە، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان 6000 دانە A320 تىپلىق رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ دەرھال رېمونت قىلىنىشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يىلنىڭ ساياھەت ئەڭ ئاۋات بولىدىغان ھەپتە ئاخىرىدا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى پەيدا قىلدى. شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئاۋىياتسىيە قالايمىقانچىلىقىغا سەۋەب بولدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ Airbus مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، رېمونت قىلىش ئىلگىرىكى يۇمشاق دېتالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغان بولۇپ، ئايروپىلانلارنىڭ قايتا ئۇچالىشى ئۈچۈن بۇ جەرياننىڭ تاماملىنىشى كېرەك ئىكەن.

ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ نۇرغۇن رايونلاردا كېچىكىش ۋە ئۇچۇشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ بايراقدار ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى Airbus شىركىتى يۇمشاق دېتال يېڭىلاشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سەككىز دانە A320 ئائىلىسىگە تەۋە ئايروپىلاندا زۆرۈر رەسمىيەتلەرنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پېشقەدەم ئالاقە ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى يەھيا ئۈستۈن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلگەن باسقۇچلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئايروپىلانلارنىڭ «بىخەتەر ھالدا مۇلازىمەتكە قايتىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۈستۈن بارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ بىخەتەر ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە زۆرۈر يېڭىلاشلار مەسىلىسىدە Airbus بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈتۈلۈۋاتقان كېچىكىشلەر

A320 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەتچىسى بولغان ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتى مەزكۇر يېڭىلاشنىڭ ئۆز فىلوتىنىڭ زور بىر قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە ھەربىر ئايروپىلاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈزىتىش ئىشلىرىنىڭ ئىككى سائەت ئىچىدە تاماملىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ كېچىكىشلەر بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ بىرنەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

 بىرنەچچە ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ  Airbus نىڭ ئاسراش خىزمەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى ۋە تەسىرگە ئۇچرىغان ئايروپىلانلارنىڭ دەرھال قونۇشقا مەجبۇر بولۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، قايتۇرۇۋېلىشنى «مۇھىم» دەپ قارىدى.

Air France-KLM  شىركىتى Airbus نىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن ئونلارچە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. لاتىن ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ زۆرۈر يۇمشاق دېتال ئۆزگەرتىشلىرىنى قاچىلاشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن مەشغۇلات توسالغۇلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

بەزى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ ئەھۋال پەيدا قىلغان تەسىرنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن بېلەت سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى ياكى ئۇچۇش پىلانلىرىنى ئۆزگەرتتى.

يېڭى زېلاندىيە ۋە جەنۇبىي ئامېرىكانىڭ بەزى رايونلىرىدا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى A320neo تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ مۇلازىمەتكە قايتىشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي يېڭىلاش خىزمىتى سەۋەبىدىن ھەپتە ئاخىرلىرى ئۇچۇشلارنىڭ بىكار قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

باشقىلىرى بولسا، مەزكۇر قايتۇرۇۋېلىش جەريانىنىڭ، قايتىش ۋاقىتلىرىنى ئۇزارتىۋېتىدىغان ھەم يۇمشاق دېتال ھەمدە قاتتىق دېتال تەڭشەشلىرىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يەڭگىللىتىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە نورمال مەشغۇلاتلارغا تېز سۈرئەتتە قايتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

United Airlines ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئازۇل ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى فىلوتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كەڭ كۆلەملىك توسالغۇلار سودا ئاۋىياتسىيەسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەككە كارىدورلۇق ئايروپىلانلاردىن بىرى بولغان A320 ئائىلىسىگە بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك تايىنىشچانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 شىركەتلەر يېڭىلاشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاش ئۈچۈن Airbus ۋە تەڭشەش ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مۇلازىمەتلەرگە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»