تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارىماي غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى / AA

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىر ئومۇمىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھەسەن راشىد بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، تەرەپلەر ئىسرائىلىيەنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئالدىدا، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

قالىن بىلەن راشىد بۇ خىلدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

قالىن سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا پەلەستىن خەلقىنى «بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن» داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتتە يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، لىۋىيەنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى ھاكىمىيەتلەرنى ھەمدە ھەربىي كۈچلەرنى بىر باشقۇرۇش ئورگىنى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش ۋە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىككى رەھبەر سۇدان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى بولغان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىزدىنىڭ
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى