سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: مېنىڭچە  ئىران بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى
ترامپ ئىراندا «ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى» نى نىشان قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
ترامپ: مېنىڭچە  ئىران بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى
ترامپ: مېنىڭچە  ئىران بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى
 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران تەرەپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە ئۇلار بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى» دېدى.

دونالد ترامپ CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرگە قارىتا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. مېنىڭچە ئۇلار بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى.»

ترامپ ئىراندا «ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى» نى نىشان قىلمايدىغانلىقىغا دائىر سۆزلىرىنى تەكرارلاپ: «مەن ناھايىتى ئاددىي بىر نەرسىنى كۆزلەۋاتىمەن: ئۇلار يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە، ئىرانغا قارىتا 28-فېۋرالدا ھۇجۇملارنى باشلىغان، تېھران ھاكىمىيىتى بولسا ئىسرائىلىيە ۋە پارىس قولتۇقى رايونىدىكى ئامېرىكا مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىرى مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى