تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەسبەرلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسى لى جېميۇڭ، ھەمكارلىقنى كەڭ دائىرىدە كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئەتراپلىق سۆھبەتلەر ئۈچۈن ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى رەھبەرلەرنىڭ سودا، مۇداپىئە، سۈنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر ۋە باشقا ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى تەرەپ يەنە پلازما تېخنىكىسى ساھەسىدە بىر پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئەردوغان ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ھازىر 10 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، نىشاننىڭ بۇنى 15 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتتە مەبلەغ سالماقچى بولغان جەنۇبىي كورېيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا تولۇق ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ئەنقەرە ۋە سېئۇل، ‹تەڭ پايدا يەتكۈزۈش› چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نۇرغۇن ساھەدە كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ،» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا تەربىيەلەش ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن پاكىز ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلىرىمىزمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ،» دېدى.

ئەردوغان مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ۋە رايونلۇق تىنچلىققا ھەسسە قوشۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يەنە جەنۇبىي كورېيەنىڭ سۈرىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قارارىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «قۇتلاشقا تېگىشلىك ئىلگىرىلەش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان غەززە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ قوغدىلىشىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا قارىتىلغان بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى، «بولۇپمۇ ئىستانبۇل سۆھبەتلىرى ئارقىلىق» قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ئىراق، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايونلار بىلەن سۈرىيە، غەززە ۋە ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىدا سېئۇل بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسى لى جېميۇڭ، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ «ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن يانمۇ-يان جەڭ قىلغان، قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلەن باغلانغان قېرىنداش مىللەتلەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - South Korea, Türkiye 'brotherly nations bound by blood': South Korean president
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى