مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدىيىغىندا ساياھەت ساھەسىدىكى تەرەققىيات، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يىلتىزى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، مىنىستىر مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توم بارراكنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قانۇنسىز سودىسىغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەرسوي تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە ھەمكارلىقنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«سۆھبىتىمىزدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يىلتىزى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدۇق.»

مىنىستىر ئەرسوي ساياھەت ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورتاق خىزمەتلەرگە باھا بېرىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ھەمكارلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

باش ئەلچى بارراك تۈركىيەنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيەت خىلمۇخىللىقىنى، مېھماندوستلۇقىنى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ماختىدى ھەمدە بۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ دۇنياۋى ساياھەت ساھەسىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بارراك يەنە ئەرسوينىڭ تۈركىيەنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى، ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مىنىستىر ئەرسوينىڭ بۇنداق كەسكىن خەلقئارالىق رىقابەت مۇھىتىدا تۈركىيەنىڭ ئورنىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جاسارەتلىك رەھبەرلىكى ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ.»

ئىزدىنىڭ
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى