سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىنتېرپول بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر دودىك ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى دودىكنىڭ ئۈستىدىن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 156-ماددىسىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
ئىنتېرپول بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر دودىك ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى—ئىنتېرپولنىڭ سارايېۋودىكى ئىشخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغان تۇرۇش بۇيرۇقىنىڭ، دودىكنىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 156-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر جىنايى ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سېربىيەنىڭ «پولىتىكا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر مىلوراد دودىك (Milorad Dodik) ۋە بوسنىيە سېرب جۇمھۇرىيىتى [بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىچىدىكى سېربلار ئاپتونومىيەسى] پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نېناد ستېۋاندىچ (NenadStevandić) ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سارايېۋو ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇيرۇقنىڭ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 156-ماددىسىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ بۇيرۇقلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلىرىگە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە قانۇنىي تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا ئىكەن.

دودىك يېقىندا سېربىيەگە بېرىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ «ئىتتىپاقداش كۈچلەر ھەرىكىتى» نىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

26 -مارت بوسنىيە چېگرا ساقچىلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان دودىكنىڭ سېربىيەگە قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بىراق، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دودىك شۇ كۈنى سېربىيەدىن ئىسرائىلىيەگە قاراپ يولغا چىققان.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»