سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ يېڭى ۋەكىلىگە سۈرىيە بىلەن ھەمكارلىشىشتا «زور يوشۇرۇن كۈچ»كە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ توم بارراكنى ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى ھەمدە ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى دەمەشق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ يېڭى ۋەكىلىگە سۈرىيە بىلەن ھەمكارلىشىشتا «زور يوشۇرۇن كۈچ»كە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەگە تەيىنلىگەن يېڭى ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەسەد ئائىلىسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى باسقۇچىدا «بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچى»نى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى توم بارراكنىڭ، بىزنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىمىز سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن تولىمۇ مەمنۇنمەن» دېدى.

ئۇ يەنە: «توم سۈرىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ رادىكاللىقنى توختىتىش، مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىز بىرلىكتە ئامېرىكا ۋە دۇنيانى قايتىدىن بىخەتەر قىلىمىز!» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ بايانات، ترامپ تەرىپىدىن «رەھىمسىز ۋە ۋەيران قىلغۇچى» دەپ سۈپەتلەنگەن ھەمدە ئەسەد دەۋرىدە يولغا قويۇلغان سۈرىيەگە قارشى ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى. پىرېزىدېنت بۇ قارارنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US lifting Syria sanctions after talks with Türkiye's Erdogan

ترامپ ئۆتكەن ئايدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا، رىيادتا سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن ئۇچراشقان. بۇ تارىخىي ئۇچرىشىش ئامېرىكا ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 25 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىش 2000-يىلى سابىق پىرېزىدېنت بىل كىلىنتوننىڭ جەنۋە شەھىرىدە ھافىز ئەسەد بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ھەپتە پالاتا ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەغلۇبىيەتنىڭ قايتىدىن توقۇنۇشلارغا ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

 

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى