تۈركىيە
1 min read
فىدان: قوراللىنىش ئۇرۇشى خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قوراللىنىشنىڭ دۇنيانى يادرو ئۇرۇشى خەۋپىگە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فىدان: قوراللىنىش ئۇرۇشى خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ
فىدان / others

خاقان فىدان ت ر ت نىڭ 8 – نۆۋەتلىك «2024 – يىللىق  ‹TRT World مۇنبىرى› نىڭ، «ئۇرۇش ۋە دۇنيا تەرتىپى: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا جۇغراپىيە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش» تېمىسىدىكى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشدا سۆز قىلدى.

مىنىستىر فىدان خەلقئارا سىستېمىنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، دەرۋەقە، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ھالقىلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر باسقۇچتا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر قۇتۇپلىشىشنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ھەمدە خەلقئارا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىدان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قوراللىنىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئەھۋال پۈتكۈل دۇنيانى ۋەيرانچىلىق گىردابىغا ئىتتىرىشى، ھەتتا يادرو ئۇرۇشى خەۋپىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، تېخنولوگىيە سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، سۈنئىي ئەقىل ۋە تور بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنىڭمۇ تەھدىت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى