ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادىشتا چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە 13 تىن كۆپ ئادەم ئۆلدى
باڭلادىشتا چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە 13 تىن كۆپ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.
باڭلادىشتا چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە 13 تىن كۆپ ئادەم ئۆلدى
/ AP

باڭلادىشتا چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە 13 تىن كۆپ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

باڭلادىشتا ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كەتكەندىن كېيىن  يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

دائىرىلەر ھوشيارلىقنى تېخىمۇ كۆپ ئۆستۈرۈش ۋە تالاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش چاقىرىقى قىلماقتا.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە يەرلىك «‹Channel 2› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باڭلادىشتا يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 13 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى ئەندىشە پەيدا قىلغان. 

«‹Channel 2› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە چاپايۋابگانج، ناۋگاۋن، شېرپۇر ۋە خابىگانج رايونلىرىنىڭ ھەر بىرىدە بىرەر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، كەم دېگەندە تۆت ئادەم يارىلانغان. 

باڭلادىش مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پايتەخت داككا قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىدىن كېيىن يەكشەنبە كەچتە نۇرغۇن رايونلاردا گۈلدۈرمامىلىق قارا يامغۇر ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانىدى. 

 ھاياتنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش چاقىرىقلىرى

 28-ئاپرېل كۈنى، باڭلادىشنىڭ يەتتە رايونىدا يۈز بەرگەن چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 17 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش چاقىرىقلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغانىدى. 

چاقماق سوقۇش ھادىسىسى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «ئاممىۋى قۇتقۇزۇش ۋە چاقماق سوقۇش ھادىسىسى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش» مۇنبىرى تەشكىلاتى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 

بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە جاھانگىرناگار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قابىرۇل باشار، چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ % 70 تىن كۆپرەكىنىڭ دېھقانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باشار چاقماق سوقۇش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئاڭنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھاياتلارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، باڭلادىشتا ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 300 ئادەم چاقماق سوقۇش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بۇ يىل يانۋاردىن 30-ئاپرېلغىچە 67 ئادەم چاقماق سوقۇش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 ئالدىنى يىلى چاقماق سوقۇش ھادىسىسى نەتىجىسىدە 297 ئادەم  ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئادەم ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى بولۇپمۇ ئاپرېل ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا  كۆرۈلىدىكەن.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، باڭلادىش مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بۇ يىل 1-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن باڭلادىشتا چاقماق سوقۇش ھادىسىسىسى توغرىسىدا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ئاگاھلاندۇرۇشلىرى چىقىرىشقا باشلىدى.

 

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى