سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى / Reuters

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئافغانىستاندىكى مۇۋەققەت تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ۋە باشقا چەت ئەل پۇقرالىرىنى قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئافغانىستانغا ساياھەتكە بېرىشىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئافغانىستاننىڭ رەسمىي ھالدا «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رۇبىيو دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن مەن ئافغانىستاننى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت دەپ ئېلان قىلىمەن. تالىبان تېررورلۇق تاكتىكىلىرىنى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، كىشىلەرنى تۆلەم ئۈچۈن ياكى سىياسىي مۇرەسسەلەرگە ئېرىشىش مەقسىتىدە تۇتقۇن قىلماقتا. بۇ رەزىل تاكتىكىلارنىڭ ئاخىرلىشىشى لازىم.»

مەزكۇر تۈرگە ئايرىش قارارى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ۋە باشقا چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەردىن كېيىن چىقىرىلدى.

رۇبىيو ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

 «ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئافغانىستانغا ساياھەت قىلىشى بىخەتەر ئەمەس، چۈنكى تالىبان ھەم ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ھەمدە باشقا چەت ئەل پۇقرالىرىنى قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. تالىبان دەرھال دەننىس كويلې، مەھمۇد ھەبىبى ۋە ئافغانىستاندا قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشى ھەمدە تۇتقۇن دىپلوماتىيەسى قوللىنىشنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشى كېرەك.»

ئىزدىنىڭ
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى
غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەسكەر ئامېرىكادا سوتقا ئەرز قىلىندى
ھېرزوگ پارلامېنت ئەزالىرىنى يېڭى بىر سايلامدىن ساقلىنىشقا چاقىردى
تىرامپ بىلەن نېتانياھۇ ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملار ھەققىدە تىركىشىپ قالدى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى