سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا خىتاي بىلەن تاموژنا باجلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئالاقە ئورناتتىمۇ؟
پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىر ئامېرىكا تاراتقۇسىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تاموژنا بېجى كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئامېرىكا خىتاي بىلەن تاموژنا باجلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئالاقە ئورناتتىمۇ؟
Trump said in a U.S. media interview published last Friday that his administration was talking with China / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئېلان قىلغان %145 لىك باجغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلىشىش مەقسىتىدە خىتايغا يېقىنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي دۆلەت ئاخباراتى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە پەيشەنبە كۈنى (24-ئاپرېل) بۇ ھەقتە بىر ئۇچۇر ئېلان قىلدى ۋە باجلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلەرگە يۈزلەندۈرىدىغان ئېھتىماللىق ئىچىدىكى قەدەملەرگە دائىر يېڭى دوكلات سۇندى.

ۋېيبو تورىدا «يۈيۈەن تەنتيەن» تاراتقۇسى مەنبە كۆرسىتىلىپ، «ئامېرىكا باجلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن كۆپ خىل قاناللار ئارقىلىق ئاكتىپ ھالدا ئالاقە ئورناتتى» دېيىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۇن بولسا، چارشەنبە كۈنى (23-ئاپرېل) بايانات ئېلان قىلىپ، «بىلىدىغانلىرىمغا ئاساسەن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا باجلار مەسىلىسىدە ھېچقانداق مەسلىھەتلىشىش ياكى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلمىدى» دېگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قايتا-قايتا رەت قىلغان ۋە ئامېرىكانى «جامائەت پىكرىنى خاتا يېتەكلەش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

«يۈيۈەن تەنتيەن» تاراتقۇسى خىتاينىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى ئارىسىدا ھېسابلانمايدۇ. بىراق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلق گېزىتى ۋە يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بىلەن بىرگە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خىتاينىڭ سودا نىزالىرىغا ئالاقىدار كېيىنكى قەدەملىرىنى تۇنجى يەتكۈزگەن مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ترامپ چارشەنبە كۈنى (23-ئاپرېل) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش جەھەتتە «ناھايىتى ياخشى ئىمكانىيىتى» نىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيقان ئىدى. بۇ بايانات، شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ نامىنى ئوچۇق ھالدا تىلغا ئالمىغان ھالدا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىساىي كۈچ ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇھىتتا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ ئېيتقان سۆزىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...