ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئافرىقا ئىتتىپاقى سۇداننىڭ بۆلۈنۈش خەتىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا
ئىككى تەرەپ — مۇنتىزىم سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم كۈچلىرى سۇداننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇرۇش قىلماقتا.
00:00
ئافرىقا ئىتتىپاقى سۇداننىڭ بۆلۈنۈش خەتىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا
ئافرىقا ئىتتىپاقى سۇداننىڭ بۆلۈنۈش خەتىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا / Reuters

ئافرىقا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى ئۇرۇشتا خاراب بولغان سۇداندا پاراللېل بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ، تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش نەتىجىسىدە خاراب بولغان بۇ دۆلەتنى پارچىلىنىش گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېز ياردەم كۈچلىرى بىلەن مۇنتىزىم سۇدان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئافرىقا قىتئەسىدىكى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسانىي كىرىزىس» دەپ ئاتالدى.

تېز ياردەم كۈچلىرىنىڭ  سۇدان ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى كېلىشمەسلىكلەر بىلەن باشلانغان ئۇرۇش، بۇ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. سۇدان ئارمىيەسى نۆۋەتتە شەرقىي ۋە شىمالىي سۇداننى كونترول قىلماقتا، تېز ياردەم كۈچلىرى بولسا پۈتكۈل غەربىي دارفۇر ۋە جەنۇبنىڭ بەزى قىسىملىرىنى كونتىرول قىلماقتا.

ئالدىنقى ئايدا تېز ياردەم كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى نايروبىدا پاراللېل بىر «ھۆكۈمەت قۇرۇش ھۆججىتى» گە ئىمزا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارUN seeks $6B this year to ease 'appalling' suffering in Sudan

ئافرىقا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان  قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇنداق بىر ھەرىكەت سۇداننىڭ بۆلۈنۈش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.»

 AFP  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئىسيانچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا «تىنچلىق ۋە بىرلىك ھۆكۈمىتى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا، تېز ياردەم كۈچلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، يەنە نايروبىدا «ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن» غا ئىمزا قويدى.

ئافرىقا ئىتتىپاقى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنلىرى ياكى ئورگانلىرىنى پارچىلاشنى ۋە باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ھۆكۈمەت ياكى پاراللېل ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق» قا چاقىردى.

ئافرىقا ئىتتىپاقى يەنە «سۇدان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاتالمىش ھۆكۈمەت ياكى پاراللېل ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى» نىمۇ جاكارلىدى.

سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان  قىلىپ، پاراللېل ھۆكۈمەتنىڭ سۇدان خەلقىنىڭ دېموكراتىك  ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.

بۇ بايانات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارViolence in Sudan's Darfur forces MSF to halt its aid operations

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز