سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدىكى ئاچارچىلىقنى «قورقۇنچلۇق» دەپ ئاتىغان ترامپ، ئىسرائىلىيە ئەيىبلەشتىن يەنە ئۆزىنى قاچۇردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، ئىسرائىلىيە قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە كۈچىيىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئەنى ئېتىراپ قىلدى.
غەززەدىكى ئاچارچىلىقنى «قورقۇنچلۇق» دەپ ئاتىغان ترامپ، ئىسرائىلىيە ئەيىبلەشتىن يەنە ئۆزىنى قاچۇردى
/ AP

ئامېرىكالىق ئەمەلدارلار، تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن تالاش-تارتىش قوزغىغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يېمەكلىك تارقىتىش نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر يۈزلىنىۋاتقان ئېغىر ئاچارچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان قورشاۋى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق كىرىزىسىنى «قورقۇنچلۇق» دەپ ئاتىدى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزى جەريانىدا: «ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار قورقۇنچلۇق. شۇنداق، بۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. كىشىلەر ئىنتايىن ئاچ... بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەت» دېدى.

بىراق، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش نۇقتىلىرىدا ئۆچرەتتە تۇرغان مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىسرائىلىيەنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايك ھاككابىي ئىسرائىلىيە باشقۇرۇشىدىكى تالاش-تارتىشلىق «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى» (GHF) نىڭ يېمەكلىك تارقىتىش نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يېڭى ياردەم ئىستراتېگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەززەنى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت مۇنداق دېدى: «مەسئۇللار ھازىرقى يېمەكلىك تارقىتىش نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك يەتكۈزۈش پىلانىنى تۈزۈش ۋە بۇ ئېغىر ۋەزىيەتنى يەرلىك غەززەلىكلەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن غەززەگە بارىدۇ».

لېۋىت مەسئۇللارنىڭ قايسى «يەرلىك غەززەلىكلەر» بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدى.

لېۋىت بۇ زىيارەتنىڭ تېل ئاۋىۋدا ئالاھىدە ۋەكىل ستىۋ ۋىتكوف، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايك ھاككابىي ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنتايىن ئۈنۈملۈك» بىر ئۇچرىشىشنىڭ ئارقىسىدىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى ئەلچىنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھال پىرېزىدېنتقا ئەھۋالنى دوكلات قىلىدىغانلىقىنى، ياردەم يەتكۈزۈش پىلانىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئېنىق بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

بۇ زىيارەت، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بېرى غەززەنى پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ياردەم ئورگانلىرىنىڭ جىددىي مۇراجىئەتلىرىگە پەرۋا قىلماي، بارلىق ياردەم قوافللىرىنى توستىغانلىقى ئارقىسىدا غەززەدىكى ئاچارچىلىق كىرىزىسىغا دائىر خەلقئارادىكى ئەندىشىلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى