سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق مۇھىتىدا لىۋان بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى، ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە دۆلەت ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى / Reuters

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيت جۈمە كۈنى باش مىنىستىر ناۋاف سالام بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، لىۋاننى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى ۋە لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ «جەسۇرانە» قارارلىرىنى قوللىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيت لىۋان بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە ۋەھشىي ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

 ئۇ يەنە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە لىۋاننىڭمۇ داخىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«لىۋاننىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ھازىرمۇ ئىنتايىن ناچار. لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قارارلىرىنى قوللايمىز.»

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيت يەنە دۆلەتنىڭ تولۇق كونتروللۇقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە قورال - ياراغلارنى رەسمىي كۈچلەر ئارقىلىق چەكلەش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىدى؛ لىۋان ئارمىيەسى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدا ئويناۋاتقان رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باياناتچىسى جەمال رۇشدى، ئەبۇلغەيتنىڭ يەنە لىۋاننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يۆنىلىشىدىكى تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن «مۇۋاپىق شارائىت يارىتىش» نى تەقەززا قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ بايانات ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ لىۋانغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى؛ لىۋان دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇملاردا 303 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1150 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

بۇ ھۇجۇملار پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئامېرىكا بىلەن ئىران سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي داۋاملاشماقتا؛ بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 28-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋنىڭ تېھرانغا قارشى قوزغىغان توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە رايوندا مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ھەم يارىلىنىشىغا يول ئاچقان ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۈزۈلگەن ئىدى.

ئىسلام ئاباد بىلەن تېھران ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە لىۋاننىڭمۇ داخىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋ بۇنى رەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ