سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى سېكى ھېيغا جازا يۈرگۈزدى
خىتايدا تۇغۇلۇپ، كېيىن ياپونىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن سېكى ھېي (خىتايچە ئىسمى شى پىڭ) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى سېكى ھېيغا جازا يۈرگۈزدى
/ Reuters

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى سېكى ھېيغا تەيۋەن ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى باشقا كېلىشمەسلىكلەر توغرىسىدا «يالغان ئۇچۇرلار»نى تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق مەزكۇر شەخسنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقىنى ۋە ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەن، سېنكاكۇ ئاراللىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە «يالغان ئۇچۇرلار»نى تارقىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە ھېينىڭ خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تۆت سىياسىي ھۆججەت ۋە بىر خىتاي پىرىنسىپىنىڭ روھىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىدىغان، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىش ھېسابلىنىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئېغىر زىيان سالىدىغان تالاش-تارتىشلىق، ئۇرۇشقا چېتىشلىق ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىمۇ ئاشكارا زىيارەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

1869-يىلى ئىمپېراتور مېيجى تەرىپىدىن ياسالغان ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى مېيجى ئىسلاھاتىدىن بۇيانقى ئۇرۇشلاردا قازا قىلغان ياپون ئەسكەرلىرىگە ئاتاپ سېلىنغان.

بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىبادەتخانىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن 14 نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى يېرىم مىليون ئۇرۇش قۇربانى خاتىرىلىنىدۇ.

بۇ ئىبادەتخانا ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيە بىلەن ئۇنىڭ قوشنىلىرى، بولۇپمۇ جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك جىددىيچىلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر دۆلەتلەر ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلىشنى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش تارىخىنى تولۇق ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ھېيغا قارىتىلغان جازالار ئۇنىڭ خىتاي زېمىنىدىكى كۆچمە ۋە مۇقىم مۈلۈكلىرى ھەمدە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش؛ خىتاي زېمىنىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سودا، ھەمكارلىق ۋە باشقا تۈردىكى پائالىيەتلەردە بولۇشىنى مەنئى قىلىش؛ ھەمدە ئۆزى ۋە بىۋاسىتە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېننى قاتارلىق خىتايغا تەۋە جايلارغا كىرىش ۋىزىسى بەرمەسلىك ۋە ئۇ جايلارغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ قارار دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى