ستارباكس يۈزلەرچە خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

ئامېرىكا قەھۋە شىركىتى ستارباكس (Starbucks) شىركەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، شىمالىي ئامېرىكادىكى دۇكانلىرىنىڭ %1 ىنى تاقايدۇ. بۇنداق بولغاندا 900 ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خىزمىتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

ستارباكس قەھۋەخانىلار زەنجىرى دۇكىنى / AP

ستارباكس يۈزلەرچە خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ۋە نەچچە ئون دۇكاننى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قەھۋەخانىلار زەنجىرى پەيشەنبە (25-سېنتەبىر) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى شىركەت باشقۇرىدىغان دۇكان سانىنىڭ 2025-مالىيە يىلىدا تەخمىنەن %1 ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بىز بۇ مالىيە يىلىنى ئامېرىكا ۋە كانادادىكى جەمئىي 18300 ئەتراپىدىكى ستارباكس  دۇكانلىرى بىلەن تاماملايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە شىركەت باشقۇرىدىغان ۋە ئىجازەت بېرىلگەن دۇكانلار بار.»

شىركەت پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان خىزمەتچىلەر سانىنى ۋە چىقىملىرىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ تەخمىنەن 900 نەپەر پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان خىزمەت ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە نۇرغۇن بوش ئورۇنلارنى تاقاش قاتارلىق مۈشكۈل قارارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

ستارباكس  مۇمكىن بولغان جايلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئورۇنلارغا يۆتكىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە خادىملارغا تېز ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشقىلار ئۈچۈن بولسا، شىركەت «ئومۇمىيۈزلۈك ئىشتىن بوشىتىش تولۇقلىمىسى» بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.