ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە 2025-يىلى سەككىزى ئايال بولۇپ جەمئىي 42 پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى قولغا ئالدى
پەلەستىن ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە نىشانىنى «سان جەھەتتىن نىشانلاشتىن سۈپەت جەھەتتىن نىشانلاش» قا ئۆزگەرتكەن.
ئىسرائىلىيە 2025-يىلى سەككىزى ئايال بولۇپ جەمئىي 42 پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى قولغا ئالدى
ئىسرائىلىيە 2025-يىلى سەككىزى ئايال بولۇپ جەمئىي 42 پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى قولغا ئالدى / Reuters

پەلەستىن ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ 2025-يىلى سەككىزى ئايال بولۇپ جەمئىي 42 پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە پەلەستىنلىك ژۇرنالىستلارنى سىستېمىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

پەلەستىن ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بىرلەشمىنىڭ ئەركىنلىكلەر كومىتېتى 2025-يىلى ئىچىدە ئەر-ئايال بولۇپ جەمئىي 42 پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ قولغا ئېلىشلار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، قۇددۇس ۋە ئىشغال ئاستىدىكى باشقا تېرروتېرىيەلەردە، شۇنداقلا ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا، چېگرا ئېغىزلىرىدا، نەق مەيدان خىزمىتى جەريانىدا ۋە ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن.»

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، 2023 - ۋە 2024-يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئازىيىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ دىققەت نىشانىنى «سان جەھەتتىن نىشانلاشتىن سۈپەت جەھەتتىن نىشانلاش» قا ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرسىتدىكەن.

بۇ  نىشان تەسىر كۈچى ئەڭ زور ژۇرنالىستلارنى نىشان قىلىش، ئوخشاش بىر ژۇرنالىستنى قايتا-قايتا قولغا ئېلىش، ھېچقانداق ئەيىبلەش ياكى سوتلاش بولماي تۇرۇپ مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تەقىب قىلىش ۋاستىسى سۈپىتىدە جىسمانىي ھەم پىسخىكىلىق زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پەلەستىن ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى  يەنە كومىتېتنىڭ، ژۇرنالىستلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىن باستۇرۇپ كىرىش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرنىمۇ ھۆججەتكە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «بۇ ئەھۋال قولغا ئېلىشنىڭ، شاھىتلارنى يوقىتىش ۋە ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىي بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.»

جىنسىيەت ئاساسىدىكى زوراۋانلىق

2025-يىلى يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك ئايال ژۇرنالىستلارنى قولغا ئېلىش، سوراق قىلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى، بەزى ژۇرنالىستلار بولسا قايتا قولغا ئېلىندى.

 دوكلاتتا كومىتېتنىڭ، بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىيناشقا دۇچار بولغان چەت ئەللىك ئايال ژۇرنالىستلارنىڭ ھۆججەتكە ئېلىنغان ئىپادىلىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«كومىتېت بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ تۈرمىلەردە ئېغىر خورلاشقا دۇچار بولغان چەت ئەللىك ئايال ژۇرنالىستلارنىڭ ھۆججەتكە ئېلىنغان ئىپادىلىرى بىلەن بىر نۇقتىدا جەم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا جىنايەتلەر سەۋىيەسىگە يېتىدىغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.»

پەلەستىن ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى  خەلقئارا جەمئىيەتنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەخسۇس تەكشۈرگۈچىلىرىنى قانۇنىي ھەم ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىك ژۇرنالىستلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىگە قارىتا ھېساب بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئەركىنلىك كومىتېتى پەلەستىن ژۇرنالىستلىرىنىڭ بارلىق بېسىم ۋە قولغا ئېلىش سىياسەتلىرىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ۋە مىللىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ژۇرنالىستلارنى نىشانلاشنىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ياكى جىنايەتلەرنى ئاقلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.»

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى