غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئىككى پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى ۋە ئورۇنلىشىشى سىرتىدا قالغان رايونلاردا ھۇجۇملار يۈز بەرگەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئىككى پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئىككى پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى / Reuters

 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ شەنبە كۈنى غەززەنىڭ تۈرلۈك رايونلىرىغا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئىككى پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

تىببىي مەنبەلەر ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە رايونىغا ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بومبا تاشلىشى نەتىجىسىدە ياشانغان بىر پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تىببىي مەنبەلەر يەنە، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كىزان ئەن-نەجار رايونىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا 46 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تىببىي مەنبەلەر يەنە، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى شۇجائىييە مەھەللىسىدىمۇ 23 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك ئايالنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن ئېتىلغان ئوق نەتىجىسىدە بوينىدىن يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli aggression must end before any discussion on Gaza's future: Hamas

بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇجائىييەدىكى ئۆمەر ئەل-مۇختار كوچىسىنىڭ شەرقىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاتقان ئوق نەتىجىسىدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەنبەلەر غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە ئەل-بەلىد رايونىدىمۇ بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاتقان ئوق نەتىجىسىدە كۆكرىكى ۋە قولىدىن يارىلانغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھۇجۇملارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشغالىيىتى ۋە ئورۇنلىشىشى سىرتىدا قالغان رايونلاردا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىككى يىل داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىنى توختاتقان ئىدى. مەزكۇر ھۇجۇملاردا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 72 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 171 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

بىراق غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى زەمبىرەك ئوقى ۋە قوراللىق ھۇجۇملار بىلەن يۈزلىگەن قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان. بۇ جەرياندا 612 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 1640 كىشى يارىلانغان.

 

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى