ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان: ھىندىستان بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ئەڭ تۆۋەن بولدى
پاكىستان مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئەۋرەڭزېب ھىندىستان بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان: ھىندىستان بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ئەڭ تۆۋەن بولدى
/ Reuters

پاكىستان ھىندىستان بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئەۋرەڭزېب يېقىندا ھىندىستان بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغانلىقىنى، شۇڭا يېڭى ئىقتىسادىي پىلان تۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇھەممەد ئەۋرەڭزېب پاكىستاننىڭ ئەزەلىي رەقىبى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ھەربىي جىددىيچىلىكنىڭ پاكىستانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئانچە كۆپ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ ئۇرۇشنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى تەسىرىنى ھازىرقى ئىقتىسادىي مەنبەلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ،  رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، يېڭى ئىقتىسادىي پىلان تۈزۈشنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەۋرەڭزېب دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، توقۇنۇشنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىرى ناھايىتى ئاز بولغان «قىسقا مۇددەتلىك جىددىيچىلىك» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇرۇشنىڭ تەسىرىنى «پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي مەنبەلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ئۇ، يېقىن كەلگۈسىدە ھەربىي خىراجەتنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى ياكى كۆپىيىپ كەتمەيدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مەخسۇس پىلانلار ھەققىدە توختىلىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش ئۈچۈن قانداق قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇنداق قىلىمىز.»

ئەۋرەڭزېب دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشقا ۋاسىتىچىلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان سودا سۆھبەتلىرىدە «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا پاكىستاننىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سېرىق پۇرچاق ئىمپورت قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ھىدروكاربونلار قاتارلىق باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت  قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە «توقۇنۇشلارنىڭ توختىشى» دا سودىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتلىرىدا تەخمىنەن 3 مىليارد دوللارلىق سودا ئاكتىپ بالانسى سەۋەبىدىن ئامېرىكاغا %29 تاموژنا بېجى تۆلەش ئۆتكىلىگە دۇچ كەلمەكتە. لېكىن بۇ باج ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان 90 كۈنلۈك توڭلىتىپ قويۇش پىلانى دائىرىسىدە ھازىرچە توڭلىتىپ قويۇلغان.

 ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمى

 خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۈمە كۈنى پاكىستانغا 7 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش ياردەم پىلانىغا ئاساسەن 1 مىليارد دوللارلىق قەرز بېرىشنى تەستىقلىدى.

ئەۋرەڭزېب بۇ قەرزنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىسلامئابادنىڭ قولىغا تېگىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتى يەنە پاكىستانغا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن 1 مىليارد 400 مىليون دوللار قەرز بېرىش پىلانىنىمۇ تەستىقلىدى.

ئەۋرەڭزېبنىڭ ئېيتىشىچە، 7-ئايدا باشلىنىدىغان كېلەر يىللىق خامچوت پىلان لايىھەسى 3-4 ھەپتە ئىچىدە تاماملىنىدىكەن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن خامچوت سۆھبىتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىر بىلەن كەشمىر رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر نىشان قىلىنغان ۋە 26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشكە باشلىدى. بۇ ۋەقە يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى 20 يىلادىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولدى.

ئۇدا 4 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ بېسىمى ئاستىدا ھىمالايا رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى