تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۆزبېكىستان بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى يولغا قويدى
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ مىنىستىرلىقلار ئارا كېڭەش يىغىنىدا، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان سىياسەت ۋە تەشەببۇسلارنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئۆزبېكىستان بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى يولغا قويدى
ئۆزبېكىستان بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى يولغا قويدى / AP

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى نىشان قىلغان بىر پەرماننى ئىمزالىدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت سارىيى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر پەرماننىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مىرزىيويېۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىنىستىرلىقلار ئارا كېڭەش يىغىنىدا، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «مەزكۇر بەلگىلىمە يەنە ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەم زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلغان تەكلىپ ۋە يېڭى تەشەببۇسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇ مەسىلىلەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا دۆلەت ئورگانلىرىغا مەخسۇس ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلدى.

بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان مىنىستىرلىقلار ئارا بىر كېڭەش قۇرۇلدى.»

يىغىندا كېڭەش تەرىپىدىن تەييارلانغان تەشەببۇسلار «ئاممىنىڭ تەكلىپلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ۋە ئەڭ ياخشى خەلقئارالىق تەجرىبە-ساۋاقلار ئاساسىدا» كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.

باياناتتا، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە بېرىلىدىغان جازالارنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن بەش كۈنگىچە مەمۇرىي تۇتقۇن قىلىش جازاسىنى يولغا قويۇش ۋە بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش قاتارلىق تەكلىپلەرنىڭمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلگەن تەشەببۇسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«سۇنۇلغان تەشەببۇسلارنى تەستىقلىغان پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ  مۇناسىۋەتلىك پەرماننى ئىمزالىدى ۋە دائىرىلەرگە يېڭى تەدبىرلەرنى خەلقكە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى.»

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»