ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15 كە يەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ ئورلېيان شەھىرىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى.
00:00
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15 كە يەتتى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15 كە يەتتى / TRT Uyghur

نيۇ ئورلېيان شەھەرلىك ئەدلىيە دوختۇرى دۋايت ماككېننا بۇرۇن 10 كىشى ئۆلدى دەپ ئېلان قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 15 كە يەتكەنكىلىكىنى بىلدۈردى.

ماككېننا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بۇربون كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 15 كە يەتكەنلىكىنى، جەسەت تەكشۈرۈش ئىشلىرى تاماملانغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈلگەندىن كېيىن قازا قىلغانلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نيۇ ئورلېيان شەھىرىنىڭ بۇربون كوچىسىدا تۈنۈگۈن كېچە سائەت 03:15 دە بىر ئاپتوموبىلنىڭ تېز سۈرئەتتە خەلق توپىغا ئېتىلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئەڭ ئاز 35 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

زوراۋان نەق مەيداندا ساقچىلار بىلەن بولغان قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى كېيىن زوراۋاننىڭ تېكساس ئىشتاتىدىن كەلگەن 42 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسى شەمسۇددىن جاببار ئىسىملىك سابىق ھەربىي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئالاقىدار تارماقلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەكشۈرۈشنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى» سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمچىنىڭ ماشىنىسىدىن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش بايرىقىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان مەسئۇللار، بۇ كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى «Truth Social» سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ «چەت دۆلەتتىن كەلگەن بىر جىنايەتچى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«مەن چەت دۆلەتتىن كەلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ، دۆلىتىمىزدىكى جىنايەتچىلەردىن تېخىمۇ ئەشەددىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا، بۇنىڭغا دېموكراتلار ۋە يالغان خەۋەر تارقىتىدىغان مەتبۇئاتلار قارشى چىققانىدى، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەمدى ھەممىگە ئايان بولدى. دەرۋەقە، ئامېرىكادىكى جىنايىي قىلمىشلار نۆۋەتتە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.»

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى