ئىسرائىلىيە لىۋان زېمىنىغا تېخىمۇ چوڭقۇر بېسىپ كىرىش پىلانىنى تۈزمەكتە

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى لىۋان زېمىنىنىڭ 8 كىلومېتىر ئىچكى قىسمىغىچە كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا.

By
ئىسرائىلىيە لىۋان زېمىنىغا تېخىمۇ چوڭقۇر بېسىپ كىرىش پىلانىنى تۈزمەكتە / Reuters

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ۋە قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىش دائىرىسىنى لىۋان زېمىنىنىڭ 8 كىلومېتىر ئىچكى قىسمىغىچە كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قانال 14 نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان زېمىنىدا 18 يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشقا باشلىغان. بۇ بازىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ لىۋان زېمىنىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

خەۋەردە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، لىتانى دەرياسىغىچە بولغان لىۋان زېمىنىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كېلىنگەنلىكى، «ھەتتا بەزى رايونلاردا ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ كېتىلگەنلىكى» قەيت قىلىندى.

بۇ قارارنىڭ «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەشغۇلات مۇداپىئە لىنىيەسىنى، خەلقئارالىق چېگرادىن لىۋان زېمىنىنىڭ ئىچكى قىسمىغا، ھەتتا ئەڭ ئاز دېگەندە 8 كىلومېتىر ئىچكىرىگە يۆتكەشنى» ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلاۋە قىلىندى.

لىۋاننىڭ ئاساسلىق دەرياسى بولغان لىتانى دەرياسى دۆلەتنىڭ تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىكى بەقائا ۋادىسى بويىدا ئاقىدۇ.

ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن لىۋاننى بومباردىمان قىلىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي لىۋانغا قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

لىۋانلىق مەسئۇللار ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 1072 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 2966 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتماقتا.

نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەت، ئامېرىكا -ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ۋە 28-فېۋرالدا باشلىغان ھەمدە 1340 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئۇرۇش جەريانىدا يۈز بەردى.

تېھران بۇ ئۇرۇش جەريانىدا، ئىسرائىلىيەدىن سىرت يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئىراننىڭ ئېيتىشىچە، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي كۈچلىرىنى نىشان قىلماقتا.