ئىراننىڭ يېڭى ئالىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنېي كىم؟
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ يېڭى ئالىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنېي كىم؟مۇجتەبا خامەنېي ئىراننىڭ 1979-يىلىدىن بۇيانقى ئۈچىنچى دىنىي رەھبىرى بولدى.
ئىراننىڭ يېڭى ئالىي رەھبىرى مۇجتەبا ھامانېي كىم؟ / Reuters
3 سائەت بۇرۇن

مۇجتەبا خامەنېي ئىران سىياسىتىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك، ئەمما ئەڭ ئاز كۆزگە چېلىقىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، دادىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ يېڭى ئالىي رەھبىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

56 ياشلىق مۇجتەبا خامەنېي ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي ۋە دىنىي رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە مەسئۇل 88 ئەزادىن تەشكىل تاپقان مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى تەرىپىدىن سايلاندى.

مۇجتەبا خامەنېي ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش بىلەن بىرگە، 1979-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن بۇيان ئىراننىڭ ئۈچىنچى ئالىي رەھبىرى بولدى ھەمدە ۋەزىپىنى رايونلۇق توقۇنۇشلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئېنىقسىزلىقلار كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈۋالدى.

بالىلىق دەۋرى ۋە ئائىلە تەرجىمىھالى

 

مۇجتەبا 1969-يىلى 8-سېنتەبىر كۈنى ئىراننىڭ مۇھىم دىنىي مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان شەرقىي شىمالدىكى مەشھەد شەھىرىدە تۇغۇلغان. مۇجتەبا بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەلى خامەنېينىڭ ئىككىنچى ئوغلى ۋە دىنىي رەھبەر جەۋاد خامەنېينىڭ نەۋرىسىدۇر.

سىياسىي ۋەزىيەت ئىنتايىن سەزگۈر بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان مۇجتەبا، دادىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ھالقىلىق شەخسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈشىگە، كېيىنچە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن كېيىن ئالىي رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا شاھىت بولغان.

مۇجتەبا مۇھاپىزىكار سىياسەتچى ۋە سابىق پارلامېنت رەئىسى غولام ئەلى ھەدداد ئادىلنىڭ قىزى زەھرا ھەدداد ئادىل بىلەن توي قىلغان؛ ھەدداد ئادىل نۆۋەتتە ئىراننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

زەھرامۇ تېھراندىكى خامەنېي ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ رايونىنى نىشان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئىدى. مۇجتەبا ھۇجۇمدىن ئامان قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئانىسى، سىڭلىسى، كۈيئوغلى ۋە جىەنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

تەربىيەلىنىشى ۋە دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانى

نۇرغۇن ئىرانلىق دىنىي رەھبەرلەرگە ئوخشاش، مۇجتەبامۇ شىئە ئىلاھىيەتشۇناسلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەركىزى بولغان قۇم شەھىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان؛ قۇم ئىراننىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى يېتۈشتۈرىدىغان مەدرىسەلەرگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

ئىرانلىق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مۇجتەبا ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى قۇم مەدرىسەلىرىدە دەرس بېرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە مەدرىسە مائارىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ھېسابلىنىدىغان «دەرسى خارىج» دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك فىقىھ (قانۇن) دەرسلىرىمۇ بار.

مۇجتەبا ھېچقاچان سايلاملارغا قاتناشمىغان، ئەمما نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئالدىنقى ئالىي رەھبەرنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە شەخس دەپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى (IRGC) بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتقان.

رولى ۋە تەسىرى

خەلقئارا تاراتقۇلار دائىم خامەنېينى پەردە ئارقىسىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە يوشۇرۇن شەخس دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ چەكلىك جامائەتچىلىككە كۆرۈنۈشى بۇ قاراشنى كۈچەيتىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نۇتۇقلار، زىيارەتلەر ياكى سىياسىي باياننامىلەر ئارقىلىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان پوزىتسىيەسى يوق.

موجتابانىڭ ئىسمى ئىران سىياسىي مۇنازىرىلەردە ئادەتتە پىرېزىدېنت سايلىمى ياكى قايسى كاندىداتلارنى قوللىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى پەرەزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، موجتابا ئاممىۋى سىياسىي مۇنازىرىلەرگە ئاز قاتناشقان. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئاساسلىقى ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان رەسمىي مۇراسىملار، دۆلەتلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي يىغىلىشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان بىر يىغىلىشتا كۆرۈلگەن ئىدى.

ئىران دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، موجتابا يەنە 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئاتىسى پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە ئىران-ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ ياش ۋاقتىدا پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشقان بولۇپ، ھەربىي ساھەدىكى تۇنجى تەجرىبىسىنى باشلىغان.

تەھدىت ئاستىدىكى ۋارىسلىق

مۇجتەبا خامەنېي دۆلەت رەھبەرلىكىنى زامانىۋى ئىران تارىخىنىڭ ئەڭ بوران – چاپقۇنلۇق مەزگىللىرىنىڭ بىرىدە ئۆتكۈزۈۋالماقتا.

بۇ ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانى يەنە ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن بىۋاسىتە تەھدىتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا بولماقتا؛ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى ئەلى خامەنېينىڭ ئورنىغا سايلانغان ھەرقانداق ئىران رەھبىرىنىڭ سۇيىقەست نىشانى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە: «ئىران تېررورلۇق ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەنى يوقىتىش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، ئەركىن دۇنياغا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىش ھەمدە ئىران خەلقىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن سايلانغان ھەرقانداق رەھبەر، ئىسمى قانداق بولۇشىدىن ۋە قەيەردە يوشۇرۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم سۇيىقەست نىشانى بولىدۇ» دېدى.

بۇ تەھدىتلەر ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدىكى بېسىمنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاپ بەرمەكتە ۋە مۇجتەبانى ئىران چېگرالىرىدىن ھالقىغان گېئوسىياسىي توقۇنۇشنىڭ مەركىزىگە قويماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى 2019-يىلى مۇجتەباغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ «دادىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئىشلەشتىن باشقا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىگە سايلانمىغان ياكى تەيىنلەنمىگەن بولسىمۇ»، ئالىي رەھبەرگە «رەسمىي سالاھىيەت» بىلەن ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى چەكلەش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ترامپقا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەنقەرە ئامېرىكا - ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بېرىش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
مېلونى: ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي بازا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەيمىز
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن  جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىزلار ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئىنسانىي تراگېدىيەلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ
نېپالدا نامايىشلار سىياسەتنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلمەكتە