خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان پۇتىننىڭ بىشكەك زىيارىتى جەريانىدا ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىشكەكتىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالىنىدىغان يېڭى كېلىشىملەرنىڭ سودا، مائارىپ ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان پۇتىننىڭ بىشكەك زىيارىتى جەريانىدا ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ
روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىشكەكتە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ بىلەن كۆرۈشتى. / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، موسكۋا بىلەن بىشكەكنىڭ سودا، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە كۆچمەنلەر ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش چوڭ كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن چارشەنبە كۈنى بىشكەكتە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بېكىتىلگەن «ئورتاق سىياسەت باياننامىسى»نىڭ ئىمزالاشقا تەييارلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«سۆھبەتلىرىمىزنىڭ كۈنتەرتىپى ناھايىتى كەڭ» دېگەن پۇتىن، ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىمزالىنىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى تۈرلۈك ساھەلەردە كېڭەيتىشنى «ئاساسىي نىشان» قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان پۇتىن، ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنىڭ «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇش ئاساسىدا» داۋاملىق راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

«مەن ۋە ھەمراھلىرىم دوست دۆلەت قىرغىزىستاندا بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى مەمنۇنمىز» دېگەن پۇتىن، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

موسكۋا بىلەن بىشكەك سودىدا مىللىي پۇللىرىنى ئىشلەتمەكتە

پۇتىن يەنە، رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سودا ھېساباتلىرىنىڭ تەخمىنەن %97 نى ئۆز مىللىي پۇللىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ «ئۆزئارا چۈشىنىش»نى تەرتىپكە سېلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «رۇسىيە قىرغىزىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سودا ۋە ئىقتىساد شېرىكى. ئۆتكەن يىلى سودا ئومۇمىي سوممىسى %13.6 ئېشىپ، 4.1 مىليارد دوللار بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. يانۋار-سېنتەبىر مەزگىلىدە بولسا يەنە %17 ئاشتى».

رۇسىيە رەھبىرى رۇسىيەنىڭ سېلىنما سوممىسىنىڭ 2 مىليارد دوللارغا يېتىپ قالغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سادىر جاپاروۋ قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە شىركەتلىرى سانىنىڭ ئۆتكەن يىلى 1800 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە يېتىپ كەلدى. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى رەھبەر سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، مەبلەغ ۋە سانائەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، ھەربىي-تېخنىكا ھەمدە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى زىچلاشتۇرۇش، شۇنداقلا رايون بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئەرمەنىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستاندىن تەركىب تاپقان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ 27-نويابىردا بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى