خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
پىرېزىدېنت ستۇب دۆلەتتە ئاڭلىتىش بېرىدىغان YLE خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رادىيو پىروگراممىسىدا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ستۇب، رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىيېۋنىڭ 4 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ستۇب: «ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇشنىڭ رۇسىيەدىكى ئاممىبابلىقى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇمۇ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

ستۇب ياۋروپاغا بارلىق تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ۋەكىللىك قىلىش تەكلىپى ئالغان ئەھۋالدا، بۇنىڭ «سەلبىي جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ۋەكىللىك قىلىنىشى مەسىلىسىدە بۇ ۋەزىپىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى سوئالى ئاخىرقى كۈنلەردە قىتئە كۈنتەرتىپىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا ئىدى.

خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ستۇب، سابىق گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، سابىق فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستۆ  ۋە سابىق ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىئو دراگى  بولۇشى مۇمكىن بولغان نامزاتلار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋمىنىستىرلىقىنىڭ 27-28-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان غەيرىي رەسمىي يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

رۇسىيە دۆلەت پىرېزىدېنتى پۇتىن 10-مايدا، رۇسىيە توغرىسىدا سەلبىي بايانات بەرمىگەن ھەر قانداق بىر كىشىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا بىلەن بولىدىغان مۇزاكىرىچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-رۇسىيە مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن سابىق گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شىرويدېرنىڭ نامزاتلىقىنى تاللاشقا ئەۋزەل دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

كاللاس بولسا رۇسىيەگە ياۋروپا نامىدىن مۇزاكىرىچى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىشنىڭ «ئاقىلانىلىك بولمايدىغانلىقىنى» قەيت قىلىپ: «مېنىڭچە گېرخارد، رۇسىيە دۆلەت شىركەتلىرى نامىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك لۆبىچىلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. شۇڭا پۇتىننىڭ نېمىشقا ئۇنى بۇ ۋەزىپىگە خالىغانلىقى ئېنىق. بۇنداق بولغاندا ئۇ ئەسلىدە ئۈستەلنىڭ ئىككىلا تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ» دەپ باھا بەردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»