خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
نيۇ-يورك تايمىس (New York Times) گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، نېتانياھۇ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلىدىغان ھۇجۇم پىلانلىرىغا دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ توسالغۇ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن / Reuters

نيۇ-يورك تايمىس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشكە يېتەكلەشتە مەركىزىي رول ئوينىغان. ئايلارچە شەخسەن لويىچىلىق قىلغان ۋە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرىنى يۆنىلىشىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  تىرىشقان.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە سۆھبەتلەر توغرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇرغا ئىگە كىشىلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار، دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغان خەۋەردە، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش قارارى نېتانياھۇ ئۈچۈن مۇھىم بىر غەلىبە دەپ سۈپەتلەنگەن.

نېتانياھۇ 11-فېۋرال كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىغا (Oval Office) كىرگەندە نىشانى ئېنىق ئىدى. ئامېرىكا ئوماننىڭ ۋاستىچىلىقىدا ئىران بىلەن يېڭىدىن يادرولۇق سۆھبەتنى باشلىغان بولسىمۇ، ترامپنى ھەربىي ھەرىكەتكە باغلاپ قويۇش ئىدى. تايمىس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى رەھبەر تەخمىنەن ئۈچ سائەت بويىچە ھۇجۇم قىلىشقا بولىدىغان ۋاقىتلار ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئېھتىماللىقلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقان.

نېتانياھۇ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى تۇنجى قېتىم دېكابىر ئېيىدا ترامپنىڭ مار-ئا-لاگو (Mar-a-Lago) دىكى قورۇسىغا قىلغان زىيارىتىدە كۈنتەرتىپكە ئەكەلگەن ئىدى. ئىران رەھبەرلىكىگە قارىتىلغان بىر ھۇجۇمدا ئامېرىكانىڭ تولۇق قاتنىشىشى ئۈچۈن ئىككى ئايدىن كېيىن تېخىمۇ ئەتراپلىق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. نېتانياھۇ يانۋار ئېيىدا ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش سىستېمىلىرىنى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە قارار قىلغاندا، ترامپقا تېلېفون قىلىپ ھۇجۇمنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ترامپ بۇنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەپتىلەردە، ئىسرائىلىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتونغا بارغان ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيە باشلىقى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى بىلەن قەرەللىك ئالاقە قىلىپ تۇرغان.

تايمىس گېزىتى، ئوماننىڭ ۋاستىچىلىقىدا ماسقات ۋە جەنۋەدە ئۈچ قېتىملىق يادرولۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا قارىماي (بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھۇجۇملاردىن ئاران ئىككى كۈن بۇرۇن ئاخىرلاشقان ئىدى)، ترامپ، نېتانياھۇ ۋە ئىران رەھبەرلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا رازى قىلالايدىغان بىر كېلىشىم ئۈچۈن ھېچقاچان رېئال بىر بوشلۇق بولمىغانلىقىنى يازدى. سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئەلچىلەر ستېۋ ۋىتكوف ۋە جېرېد كۇشنېر ترامپقا كېلىشىمنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

ھۇجۇمغا بولغان ئىشتىياق

ترامپنىڭ ھەربىي ھەرىكەتكە بولغان ئىشتىياقى، يانۋار ئېيىدا ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتۇپ كېلىنىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن تېخىمۇ ئاشقان. نېتانياھۇنىڭمۇ بۇنى ئىراندا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نىشانلار ئۈچۈن بىر مودېل سۈپىتىدە كۆرگەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، ترامپنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر قانچە كىشى بۇنىڭغا قارشى چىققان. ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقلارغا ئۇزۇندىن بېرى گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن پىرېزىدېنت ياردەمچىسى جېي دى ۋانس (JD Vance) مۇ، ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان بولسا «چوڭ ۋە تېز» ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«دەستى كەبىر قەھرى ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان ھۇجۇملار شەنبە كۈنى باشلانغان ۋە ئارىسىدا دىنىي رەھبەر ئەلى خامانېيمۇ بولغان ئىرانلىق نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆلتۈرۈلدى. ھۇجۇملار باشلانغاندىن بېرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 6 ئەسكىرىمۇ ئۆلدى. ترامپ، تۆتتىن بەش ھەپتىگىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنگەن ھۇجۇملار جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ چىقىم (ئۆلۈم-يېتىم) بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى