ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكانى يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە تېخىمۇ قاتتىق ئېكسپورت كونتروللۇقى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى يېقىندا قوبۇل قىلدى.
خىتاي ئامېرىكانى يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونترول قانۇن لايىھىسىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. / Reuters

خىتاي تەرەپ شەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە تېخىمۇ قاتتىق ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى ئېكسپورت كونترول لايىھەسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «تېخنىكا كونتروللۇقىنىڭ قاتتىق دېتال ساھەسىدە كۆپ تەرەپلىمە ماسلىشىشى»دىن دېرەك بېرىدىغان «MATCH» قانۇنى بىلەن بىر قىسىم ئېكسپورت كونترول قانۇن لايىھەلىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ماقۇللىغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنىڭ زىيادە كېڭەيتىۋېتىلىشىگە ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشى»غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەر قانۇنغا ئايلانغان تەقدىردە، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىتىدىغانلىقىنى، يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زور زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي قانۇن تۇرغۇزۇش مۇساپىسىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەستايىدىل باھالايدۇ ھەمدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ۋە كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماي ئېيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە. ئەسلىدە مارتنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى. ھازىرچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي؛ سودا ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېمىلاردىكى ئىختىلاپنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ