تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەتنى بېكىتىش كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلدى، تۈركىيە نامزات دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەتنى بېكىتىشكە مۇناسىۋەتلىك كۈنتەرتىپنى ئۇقتۇردى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىشنى خالايدىغان ۋە كومىتېت بىلەن «ئۇزۇن مۇددەتلىك دىيالوگ» مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نامزات دۆلەتلەر تۈركىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، ھىندىستان، قاتار، جەنۇبىي كورېيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا بولغان.

31-ئۆكتەبىردىن كېيىن يېڭى نامزات قوبۇل قىلىنمايدىغان بۇ مۇساپىدە، نامزات شەھەرلەرنىڭ پىلان لايىھەلىرى نويابىر ئېيىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا تور ئارقىلىق سۇنۇلىدۇ.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى 2027-يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرقى نامزاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە «ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ» باسقۇچىنى باشلايدۇ. نامزات شەھەرلەر بۇ باسقۇچتا قانۇنىي ۋە مالىيە جەھەتتىكى كاپالەتلىرىنى سۇنىدۇ، كومىتېت بولسا نامزات رايونلاردا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ.

ساھىبخان شەھەر 2029-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يىغىنىدا ئەزالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بېكىتىلىدۇ.

نامزات پىلان لايىھەلىرى؛ ئەسلىھە پىلانى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەجرىبىسى، مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسى، سىياسىي ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشى، تەشكىللەش ئىقتىدارى ھەمدە ساھىبخان جەمئىيەتلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مىراس ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۆلچەملەر بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق