ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مۇساپىسىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توسۇپ قېلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان دۈشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە پەزەشكىيانغا تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنىڭ «سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كەچۈرۈلمەيدىغانلىقى»نى ۋە «تۈركىيەنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارشى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىدىغانلىقى»نى ئەسكەرتكەن.
مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ۋە تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر باللىستىك بومبىنىڭ ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناتو ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قىسىملىرى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئىرانلىق مەنسەپدىشىغا تۈركىيەنىڭ ئۆزى تەرەپ بولمىغان توقۇنۇشلارنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى.
ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان «قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزلارنى» ۋە ئىراننىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ «ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقى»نى ۋە «بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكى»نى ئالاھىدە قەيت قىلدى.
دىپلوماتىيە چاقىرىقى ۋە چوڭقۇر قايغۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا دىپلوماتىيە دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلىشىغا جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى مېناب رايونىدا بىر مەكتەپنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر تىراگېدىيەلەردىن «چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى»نى تىلغا ئالدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېس مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ «تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى»نى ئېيتقان بولسا، ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.
ئىرانغا قارىتىلغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى 28-فېۋرالدا باشلانغان بولۇپ، دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېي بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئىران دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇجتەبا خامەنېينىڭ يېڭى دىنىي رەھبەر بولۇپ سايلىنىشىنىڭ رايون تىنچلىقىغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بولسا، تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئىران تەرەپتىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.