ياپونىيەلىك مۇخبىر ئىراندا تۇتقۇن قىلىندى
بىر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ 20-يانۋاردا تېھراندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن توكيو، مۇخبىرنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىرانغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەتبۇئاتلاردا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىران ياپونىيەنىڭ ئاممىۋى خەۋەر تارقىتىش ئورگىنى بولغان «NHK»نىڭ تېھران ئىشخانىسى مەسئۇلىنى تۇتقۇن قىلغان.
خەۋەرلەردە ئىسمى شىننوسۇكې كاۋاشىما دەپ تىلغا ئېلىنغان مۇخبىرنىڭ ئېۋىن تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
«NHK» باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا: «بىز «NHK» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر ۋاقىت خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ ئالدىنقى نىشانىمىز دەپ بىلىمىز. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيمىز» دېدى.
ھۆكۈمەت باياناتچىسى ماساناۋ ئوزاكى مۇخبىرلارغا 20-يانۋاردا بىر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى.
كابىنېت كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ياردەمچىسى ئوزاكى: «ياپونىيە ھۆكۈمىتى 20-يانۋاردا ئىراننىڭ تېھران شەھىرىدە يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بىر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ھۆكۈمەت بۇ نازارەتكە ئېلىش ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بېرى، ئىران تەرەپكە مەزكۇر كىشىنىڭ بىر ئان ئاۋۋال قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئوزاكى يەنە: «بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر كىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز ھەمدە زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەملەرنى تەمىنلەۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.