تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئىسلام ئەللىرىنى ئۆزئارا تىرانسپورت تورى شەكىللەندۈرۈشكە چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا سودا ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان ئىسلام ئەللىرىنى ئۆزئارا تىرانسپورت تورى شەكىللەندۈرۈشكە چاقىردى
تۈركىيە كاسپىي ئۆتۈشمە شەرقىي-غەربىي ئوتتۇرا كارىدور تۈرىنى قوللايدۇ. / Reuters Archive

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ پىشقان قاتناش گەۋدىسى ئورنىتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك قاتناش تورلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئاساسىي رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنى»غا سىنلىق ئۇچۇر ئەۋەتكەن ئەردوغان، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيادىن ئافرىقاغىچە، ياۋروپادىن ئوتتۇرا شەرققىچە سوزۇلغان كەڭ جۇغراپىيەگە تارقالغانلىقىنى؛ ئىراتېگىيەلىك كارىدورلارغا، دىنامىك ياش نوپۇسقا ۋە تېز سۈرەتتە زورىيىۋاتقان بازارلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس سۆزىدە: «بۇ زور يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ۋە جۇغراپىيەۋى ئۈستۈنلۈكلەرنى ئىستراتېگىيەلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش تورىغا ئېھتىياجىمىز بار» دېدى. ئۇ يەنە تاشيول، تۆمۈريول، پورت ۋە ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ پەقەت سودىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىشقا ئاشۇرغان مارماراي سۇ ئاستى ئۆتۈش يولى، ياۋروئاسىيا تونېلى ۋە پۇت تىرەپ تۇرغان چوڭ كۆۋرۈكلەرگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دۇنيا سودا لىنىيەلىرىدىكى ئورنىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ھەمدە دېڭىز، ھاۋا ۋە تۆمۈريول تىرانسپورتى ئىقتىدارىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى باغلايدىغان «يول خەرىتىسى» تەييارلاندى

جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ «تىرانس-ھازار (كاسپىي) شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورى» تۈرىنى قوللاش ئارقىلىق، تارىخىي يىپەك يولىنى زامانىۋى ئۇسلۇبتا جانلاندۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ نىشاننىڭ پەقەت مىللىي دائىرىدە ئەمەس، بەلكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە چېگرا ھالقىغان كارىدورلارنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئورتاق قوشۇمچە قىممەت يارىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان يەنە: «ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان ۋە تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە تەييارلىنىدىغان ‹قاتناش ئالاقىسى ئىستراتېگىيە ھۆججىتى› ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنى ئالدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى