ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
بېيجىڭ: تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بولمايدۇ
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا بىلەن سودا قىلغان دۆلەتلەرگە يۈزگۈزۈلىدىغان تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى تەھدىتىگە ئىنكاس قايتۇردى.
بېيجىڭ: تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بولمايدۇ
"بىز جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز،" نىڭ دېدى. / AP
 

ئىلگىرى ترامپ ئىران بىلەن سودا قىلغان ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسىدە %25 تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ترامپنىڭ باج قويۇش پىلانىغا ئالاقىدار سوئالغا: «بىز تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بولمايدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنىمىز؛ خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغدايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ساياھەت مەقسىتىدە ئىرانغا بارغان خىتاي پۇقرالىرى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا، ماۋ نىڭ بېيجىڭنىڭ «ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتىپ: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز» دېدى.

خىتاي ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم ئېكسپورت نىشانلىرىنىڭ بىرى

مەزكۇر تاموژنا بېجى تەھدىتى ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش دولقۇنىغا توغرا كەلدى. بۇ نامايىشلار دەسلەپتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك پارتلىغان بولسىمۇ، كېيىنچە دىنىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش چاقىرىقلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «HRANA»نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نامايىشلار باشلانغاندىن بۇيان نامايىشچىلار ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى بولۇپ كەم دېگەندە 648 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ «Truth Social» سۇپىسىدىكى ھېسابىدا، ئىران بىلەن سودا قىلغان ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان پۈتكۈل سودىسىدا %25 لىك تاموژنا بېجىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئاقساراي تور بېتىدە بۇ سىياسەتكە ئالاقىدار رەسمىي بىر ھۆججەت تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ باجلارنىڭ قايسى قانۇنىي ئاساس بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ياكى ئىراننىڭ بارلىق سودا شېرىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى مۇجمەللىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئاقساراي دائىرىلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئاللارغا تېخىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئىران ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئېغىر جازالىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ تاموژنا باجلىرى نىشان قىلىنغان دۆلەتلەردىن مال ئەكىرىدىغان ئامېرىكالىق ئىمپورت سودىگەرلىرى تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ.

 

ئىزدىنىڭ
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى